رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئەنگلىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان روھىنگا مەسىلىسى توغرىسىدىكى بايانات لايىھەسى خىتاي ۋەكىلى تەرىپىدىن قىسمەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسلى لايىھىدىكى بىرما ھۆكۈمىتىنى «جاۋابكارلارنى جازاغا تارتىش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چاقىرىش» توغرىسىدىكى مەزمۇن، «بىرمانىڭ روھىنگا ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قارشى ئېلىش» قا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خىتاينىڭ روھىنگا مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشىغا تۇنجى قېتىم توسالغۇ بولۇشى ئەمەس.
ئوخشاش ئەھۋال ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەندە يەنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگادىكى ھەرىكىتىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ روھىنگا مەسىلىسىدە غەرب دۇنياسى بىلەن قارشى مەيداندا تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
باياناتىدا بىرمىدا نەچچە يۈز مىڭ روھىنگالىق مۇسۇلمان زۇلۇمدىن يۇرتىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان بولسا، ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ «يېپىق لاگېر» دا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە خانىم، خىتاي تەرەپنىڭ خەلقئارا سەھنىدە سوراق نۆۋىتىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن بىرما ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رويتېرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى توسالغۇسى، ب د ت ۋەكىلى ئۆتكەن ھەپتە بىرما ۋە بېنگالدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىر بايانات لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەزگىلدە كۆرۈلگەن.
يەنە خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەكشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ بىرمىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يېقىنقى نامايىشلىرى داۋامىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.