27-ئاپرېل كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تاقاشقا، لاگېردىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قەدەر غەرب دۇنياسىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ زور كۆلەملىك نامايىشى بولۇپ، نامايىش بىريۇسسېلنىڭ مېئۇس مەيدانىدىن باشلانغان. «بىر مىليون ئۇيغۇر قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋازىڭنى چىقار» دېگەن شوئارلار يېزىقلىق لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار مېئۇس مەيدانىدىن بىريۇسسېلنىڭ شۇمان مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلغان.
نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇ سۆزىدە: «بىزنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزى يېشى بىزنى بىر يەرگە ئەكەلدى. . . بىز لاگېردىكىلەرنى قۇتقۇزىمىز، بىز مۇشۇنداق ھەرىكەت بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئويغىتىمىز. بىز ئويغانساق دۇنيا ئويغىنىدۇ» دېدى.
نامايىشتا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا نۇتۇق سۆزلەپ، بۈگۈن بۇ يەرگە يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈنلا يىغىلمىغانلىقى، بەلكى يەنە ئۇيغۇر خەلقىگە مەدەت بېرىش، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن توپلانغانلىقى، شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە «سەن قانچىلىك زالىم بولساڭمۇ، قانچىلىك قىساسخور بولساڭمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈككە، ئازادلىققا، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى يوق قىلالمايسەن» دېگەن سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ۋە دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ :«ھەي، قۇلىقىڭنى ئۇنداق ئېتىۋالما، ئۇ يەردە بىر مىليون ئىنسان ناتسىست لاگېرلىرىدا يوقىلىش، قىرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ بىر ئىنسانلىق جىنايىتى، بۇنىڭغا قارشى دەس تۇر دېيىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق» دېدى.
27-ئاپرېل كۈنى يەنە بىريۇسسېلدىكى نامايىشنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.