2018.04.27

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى كاتېرىن لانتوس سۋېت گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى «2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى زامانىۋى دەۋردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك قاماش ھەرىكىتى. بۇ ھەقىقەتەن چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق» دېدى. كاتېرىن لانتوس سۋېتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ لاگېرلار تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىدىكەن.

ئۇ، كىشىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايغا ھەممە ساھەلەردە يول قويۇپ كەلگەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ ھازىرقىدەك پەرۋاسىز ھالغا ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا بۇنداق يول قويۇشنىڭ «ئەخلاقىي جەھەتتىن خاتا بولۇپلا قالماي، خەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

«دىگىتال دىكتاتورىلىق ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە بولغان خەلقئارالىق تەھدىت» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو چاقىرغان.

يىغىندا يەنە ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك، ئاۋسترالىيە چارلىز ستۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «تىمتاس ئىشغالىيەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى كلىۋ خامىلتون گۇۋاھلىق بەرگەن. كاتېرىن لانتوس سۋېت 19‏-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىتنىڭ ئاخبارات يىغىنى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ يەنە، «ئەگەر بىز خىتايغا قارشى تۇرمىساق، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار خەلقئارا ئۆلچەملەرنى ئاياق-ئاستى قىلىدۇ» دېدى.