
27-ئاپرېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى كېلىپ بولغان بولۇپ، پۈتۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان.
نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلاردىن سىرت، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلار قاتنىشىدىكەن. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم قېرىنداش مىللەتلەر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن. د ئۇ ق بۇ نامايىشنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن مەخسۇس «نامايىش تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇپ، بىرقانچە ئايدىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. نامايىشنىڭ ھارپا كۈنى بىريۇسسېلدا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى پۈتۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى، كۆتۈرىدىغان لوزۇنكىلار ۋە توۋلايدىغان شوئارلارغىچە ھەممىسىنى بېكىتىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى 26-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا، ياپونىيە ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 6 يۈز ئەتراپىدا كىشىنىڭ بېلگىيەگە كېلىپ بولغانلىقىنى، 27-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن نامايىش باشلىغۇچە 5 مىڭ كىشىنىڭ كېلىپ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىكەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى، دۇنيانىڭ سىياسەت مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش ئارقىلىق د ئۇ ق نىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق چوڭ نامايىشنىڭ بېلگىيەنىڭ سىياسىي ساھەدىكىلەرگە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى زادى نېمە؟ د ئۇ ق قا ماسلىشىپ نامايىشچىلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى، بېلگىيەدە بۇنداق كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى نامايىش بولۇپ، نامايىشقا ئايروپىلان بىلەن 22 سائەت ئۇچۇپ كەلگەنلەرمۇ كۆپ ئىكەن. ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە كەلگەنلىكىنى، بۇ ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
نامايىش باشلاشتىن 5 كۈن بۇرۇن، بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرفېن شەھىرىدە د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ «تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى»، ئارقىدىن «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنلارغىمۇ 16 دۆلەتتىن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى كېلىپ قاتناشقان.