ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە ئۆزىنىڭ يېقىشلىق يازمىلىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن غوللۇق زىيالىيلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ يىل 29-يانۋاردا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 23-ئاپرېل كۈنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 29-يانۋاردا خىتاي دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «جىنايىتى» ياكى ئۇنىڭ نەدىلىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
باياناتتا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرىنى قولغا ئىلىش قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن بۇيان توختاپ قالغان ئەمەس،» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر توغرىلىق سۆز قىلغان د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇنىڭ ھازىرقى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەتتە ھېچقانداق ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىندەك ئېھتىياتچان بىر ئالىمنىڭمۇ ساق قالمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «سىياسىيغا ئارىلاشماي تۇرۇپ ئىلىم ساھەسىدە ھەقنى سۆزلىگەنلىكى ھەمدە خەلقنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن خەلق سۆيگەن بۇ زىيالىي قاماققا مەھكۇم بولغان،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.