خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن، يەنى چارشەنبە كۈنى خەينەن ئۆلكىسىدە قىلغان سۆزىدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىر سۇيىقەست پىلانى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن.
بۇ پىلاندا «ھەرقانداق بىر يامان غەرەزنىڭ يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن شى جىنپىڭ، «بىز سىياسىي جۇغراپىيە ئويۇنى ئويناۋاتقىنىمىز يوق، ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا ياكى لاگېر قۇرۇۋېلىش نىيىتىمىزمۇ يوق، باشقىلارنى سودىغا مەجبۇرلاش ئۇرۇنۇشىمىزمۇ يوق،» دېگەن.
شەرقى-جەنۇبى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا-شەرق، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقىدىكى 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانغا خىتاي تەرەپ 126 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، بەزى دۆلەتلەر ۋە ئورگانلار بۇ پىلاننىڭ ئۆزلىرىگە بايلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىشتىن كۆرە، خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. بولۇپمۇ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئەگەر خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنىڭ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىلنىڭ بېشىدا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تاقاش ھەققىدە دۇنياغا ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسىدە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قاماۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
فىرانسىيە باش مىنىستىرى بۇ پىلان ھەققىدە، «ھەرقانداق يول ۋە بەلۋاغ بىر يۆنىلىشلىك بولمايدۇ،» دېيىش ئارقىلىق بۇ پىلاننىڭ پەقەت خىتاينىڭلا مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنياغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.