2018.04.09

ئاۋسترالىيەنىڭ «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچى» گېزىتى چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىپ، د ئۇ ق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ئاۋسترالىيە زىيارىتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېپىق «تەربىيەلەش لاگېر» لىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى تونۇشتۇردى.

ماقالىدا 71 ياشلىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ 37 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ مەزكۇر «تەربىيەلەش لاگېر» لىرىغا سولانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ بۇ لاگېرلارغا قارشى ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا ئۇنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ بۇ لاگېرلارغا سولانغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنى سولاشتا قانۇنى تەرتىپلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لاگېرلار مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ غوللۇق ئىككى ئەزاسى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ يېپىق «تەربىيەلەش لاگېر» لىرىنى تەكشۈرۈشنى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيۇ مەكتۇپىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئۇنتۇلۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئايال» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى مايكېل دانبىي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، مايكېل دانبىينىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى فۇندامىنتالىزم بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىق تارىخىي يوق.

ئۇلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي تىبەتلەرگە ئوخشاشلا يوقىتىلىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا خىلاپ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيەنى تۇنجى قېتىم 2009‏-يىلى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كانبېررا شەھىرىدە ئاۋسترالىيە پارلامېنتى، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلىرىغا قاتناشقان ئىدى.