
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي توپلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك سالماقنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرى 26- ۋە 27-مارت كۈنلىرى پايتەخت كانبېررا شەھىرىدە زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ۋە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان. شۇڭا بۇنى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق نامايىش، دېيىشكە بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىشىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر يۈزلىنىش نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىشىدۇر. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر نامايىشلىرىدا، جۈملىدىن ئۆتكەن ئايدا، يەنى 15-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىغا كېسەل ئانىلارنىڭ، مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەستىن كېلىپ قاتنىشىشى ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز نەپرىتىمنى ئىپادىلەشكە كەلدىم،» دەپ مەردانە خىتاب قىلىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ.
ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاكا ئۆزىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بۇ قېتىمقى نامايىشقا چىقالىغانلىقىدىن ھېلىھەم پەخىرلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن نامايىشچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن مىللەتكە بولغان مۇھەببەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ خىلدىكى نامايىشلاردا كۆرۈلۈۋاتقان يەنە بىر يېڭى ھادىسە ئىلگىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەشكىللىگەن نامايىشلارغا قاتنىشىپ باقمىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھازىر بۇ خىلدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىشى، يەنە كېلىپ خىزمەتتىن رۇخسەت سوراپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن شۇنچە ئۇزۇن جايدىن ئاپتوبۇس بېلىتى، نەچچە كۈنلۈك مېھمانخانا چىقىملىرىنى تۆلەپ نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇشىدۇر.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، مەيلى ئاۋسترالىيەدە بولسۇن ياكى ياۋروپا، ئامېرىكىدا بولسۇن بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر جامائىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا ئاتلانغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئۆزىگە ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر تۇيغۇ ۋە مەجبۇرىيەت سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى نامايىشچىلار سېپىگە قېتىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن دىميان رەھمەت ئاكىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى. دىميان رەھمەت ئاكا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىشقا ئالدىراۋاتقان پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە مۇھىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ بىر مەزمۇنى دەل مۇشۇ خىلدىكى نامايىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
دىميان ئاكىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشىگە تايىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھاكىمىيەتلەرگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بۇنداق بىر ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇشۇ شەكىلدىكى قەلبداشلىق روھى بويىچە نامايىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى نامايان قىلىشى ئۇيغۇر داۋاسىغىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ھېچقانداق ئۇيغۇر ئۆز ھاياتىغا كېپىللىك قىلالمايدىغان» ۋەزىيەت سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ «سىياسىيدىن نېرى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش» تەشەببۇسىدا بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلماقتا ئىكەن.