
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىلى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى مۇشۇ ئاينىڭ 24- ۋە 25-كۈنلىرى تەيۋەندە ئىككى كۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى. دەسلەپكى كۈنى تەيبېيدا ئېچىلغان تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق بەش تەرەپ ۋەكىللىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق لاگېر» لار ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئۈمىد ئەپەندى، ئىككىنچى كۈنى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ۋەزىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 24 -كۈنى تەيۋەندە «خىتاي سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان 5 تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزئارا دوكلات بېرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىلى ئۈمىد خەمىت قاتناشقان.
ئۈمىد خەمىت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىن ئىبارەت بەش تەرەپ تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەت مەركىزى بولغان. يىغىندا ئۈمىد خەمىت ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق لاگېر» لار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا بەش تەرەپ ۋەكىللىرىدىن باشقا تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار، بىر قىسىم سابىق ۋە ۋەزىپىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. يىغىندىن كېيىن بەش تەرەپ ۋەكىللىرىگە تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى تەرىپىدىن زىياپەت بېرىلگەن ۋە مەزكۇر پارتىيىنىڭ خىزمەت بىناسىغا سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى جۈملىدىن مىللەتلەر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
تەيۋەندە ئېچىلغان بۇ يىغىن «داگوڭباۋ» قاتارلىق خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تەرىپىدىن «بەش تەرەپ مۇستەقىلچىلىرى قول تۇتۇشتى» دېگەن تېمىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان.