مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن ب د ت نىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان 37-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئۆكتىچى زات ياڭ جيەنلى ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن.
ياڭ جيەنلى سۆزىنىڭ بېشىدىلا «خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى خىتايغا ۋەكىل بولالامدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. بۇ سوئالغا شۇ زامان ئۆكتە قوپقان خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى يىغىن رىياسەتچىسىدىن ياڭ جيەنلىنىڭ بۇ يىغىندا سۆزلەش سالاھىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغان. يىغىن رىياسەتچىسى ياڭ جيەنلىنىڭ سۆزلەش سالاھىيىتى بارلىقىنى بايان قىلغان ۋە ياڭ جيەنلىنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
ياڭ جيەنلى سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بېرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى يەنە بىر رەت ئورنىدىن تۇرۇپ، ياڭ جيەنلىنىڭ يىغىن تېمىسىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدىكى قوپاللىقى ۋە نارازىلىقى تۈپەيلى ياڭ جيەنلىنىڭ سۆزى دەخلىگە ئۇچرىغان ۋە 3 قېتىم ئۈزۈۋېتىلگەن. ئەمما ب د ت يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئادىل پوزىتسىيەسى ۋە ھىمايىسى بىلەن ياڭ جيەنلى نۇتقىنى تولۇق ۋە تەسىرلىك ھالدا تاماملىغان.
ب د ت يىغىنلىرىدىكى بۇ خىل تالاش-تارتىش ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خىتاي تەرەپ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. 2013-يىلىدىكى 19-سېنتەبىردىكى ب د ت يىغىندا رابىيە قادىر خانىم «شەرقى تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئالغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرى «جۇڭگودا شىنجاڭ دېگەن يەر بار، شەرقى تۈركىستان دېگەن بىر يەر يوق،» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. رابىيە خانىمنىڭ جاۋابىدىن ئوسال ھالغا چۈشكەن خىتاي دىپلومات ياڭ چېڭخۇي مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدىكى ئاۋازئالغۇنى يەرگە ئېتىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقارغان ئىدى.