«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن يىغىنغا كەلگەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى گۇرۇپپىسىدىكى بىر خادىم خىتاي ئۆكتىچى زات ياڭ جيەنلىگە تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈن بىر نازارەتچى تەرىپىدىن مەزكۇر خىتاي ۋەكىلنى بۇنىڭدىن كېيىن ب د ت دىكى يىغىنلارغا دەسسەتمەسلىك ھەققىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا شىكايەت سۇنۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن باشلىنىشتىن ئاۋۋال مەزكۇر خىتاي خادىم يىغىن زالىغا كىرىۋاتقان ياڭ جيەنلىنى توختاۋسىز رەسىمگە تارتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياڭ جيەنلىگە تەھدىت سالماقچى بولغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ياڭ جيەنلى، «ئۇ خادىم مېنى قورقۇتماقچى بولدى، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى،» دېگەن.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلەرگە كۆپ ئۇچرىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغاندىمۇ قورقمىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە چەتئەللەردە كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن بىرى بولغان ياڭ جيەنلى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى دولقۇن ئەيسالار بىلەن ئىزچىل ھالدا ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.
ئۇ ئالدىنقى يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق شەرقى تۈركىستان پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆپ زۇلۇم سالغىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي خەلقى نامىدىن ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.