Newyork-BDT-Namayish-2018-01.jpgب د ت نىڭ نيۇيورك شەھرىدىكى باش شىتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-مارت. نيۇيورك، ئامېرىكا.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تاشقى دۇنيادا ئاڭلىتىلىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكەن قاتتىق كونتروللۇق ھەمدە ئېتنىك ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ئاساس قىلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى 15-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيەدە تەڭلا باشلاندى. 14 دۆلەتتىكى 17 شەھەردە ئىستىخىيىلىك تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى قىسمى ب د ت نىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئەتىگەن سائەت 10 دىن باشلاپ ئوندىن يىگىرمىدىن توپ-توپ بولۇپ يىغىلىشقان ئۇيغۇر جامائىتى بىرەر سائەتكە قالماي ب د ت نىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش شتابى يېنىدا ھەيۋەتلىك بىر نامايىشچىلار توپىنى ھاسىل قىلدى. باشلىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق ياغلىقلارنى، بويۇنلىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق شارپىلارنى ئارتىشقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى توپنىڭ ئالدىدا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنىڭ پلاكاتلىرىنى ۋە شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ سەپ تۈزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بولسا ئاياللىرى بىلەن كەلگەن ئەرلەر ۋە كۆپلىگەن ياش يىگىتلەر ئۇلارغا يۆلەك بولۇپ تۇرماقتا ئىدى. نامايىشچىلار توپىدا كۆزگە چېلىقىدىغان سانجاق-سانجاق ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار نامايىشنىڭ ھەيۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا ئىدى.

نامايىشچىلار سېپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا قولىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇرغان رابىيە قادىر خانىم دائىمقىدەك تېتىك كۆرۈنەتتى. بىز ئۇنىڭدىن بۈگۈنكى خانىم-قىزلار نامايىشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تەشكىللەنگەنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق رېئاللىقنىڭ ئۇيغۇر ئانىلىرىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەتىگەن سائەت 11 دە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىرادە قەشقىرى سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتىكىدەك ئۇيغۇرلار تولىمۇ قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بىر تارىخىي باسقۇچتا مۇشۇ قېتىمقىدەك نامايىشنىڭ بۇ ھەقتە تېگىشلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ھاجىنۇر سۆز ئېلىپ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن بۈگۈنكى نامايىشقا كېلەلمىگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ۋاكالىتەن ئەلپىدا ئېلتەبىر ئىنگلىز تىلىدا يازغان «ئاھ، سىڭىللىرىم!» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. بۇ شېئىردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا يىغىۋېلىنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىگە-چاقىسىز قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنىڭ ھەسرىتى تولىمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ياشلاردىن ئايدىن ئەنۋەرمۇ ئارقىدىن سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىرلىك نۇتقى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949-يىلىدىن بۇيان بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي تازىلاش» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان پىداكارلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. رابىيە خانىم ئۆزى دېمەتلىك بىر ئەۋلادنىڭ ھايات مۇساپىسىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەقىقىي بەختىيار تۇرمۇش نېسىپ بولمايدۇ،» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نۇتۇق سۆزلەش باسقۇچىدىن كېيىن نامايىش ئىشتىراكچىلىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ، قوللىرىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەرزان باھار شامىلىدا جەۋلان قىلدۇرغاچ نامايىش مەيدانىدا چوڭ دائىرە ھاسىل قىلىپ سۈكۈت ئىچىدە ئايلاندى. بۇ ئارىلىقتا مەزكۇر «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» خانىم-قىزلار نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى روشەن ئابباس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن سۈرەييە خانىممۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللەشتە زور كۈچ چىقارغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئاۋازىنى چىقىرىش شارائىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتنى سۆزلەشكە، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈكۈتتىكى نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ب د ت باش كاتىپىغا يوللىنىدىغان ئەرز خېتىگە ئىمزا قويدى ھەمدە بىرلىكتە ب د ت بىناسىغا بېرىپ مەزكۇر خەتنى قانداق قىلىپ تېگىشلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە سۆزلەشتى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە، نامايىش ئىشتىراكچىلىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ، نيۇيورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن كەلگەن موتوتسىكىلىتلىق ئون نەچچە ساقچىنىڭ يول ئېچىپ بېرىشى بىلەن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسى» غا يۈرۈش قىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئورنى نورمال ئوقۇش پائالىيىتى بولۇۋاتقان مەكتەپ رايونىغا يېقىن بولغاچقا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ياكى ياڭراتقۇ ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئىدى. ئەمما نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ جاراڭلىق شوئار ساداسى كاناينىڭ ياردىمىسىزمۇ كوچىلارنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقانلىقى مانا مەن، دەپلا نامايان بولماقتا ئىدى.

ئاساسلىق كوچىلارنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن نامايىشچىلار «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسى» ئالدىغا توپلاندى. گەرچە بۈگۈن نورمال خىزمەت كۈنى بولسىمۇ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ھىم تاقىۋېلىنغان ئىدى. نامايىشچىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن توۋلىغان شوئارلىرىدىن كېيىن پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىپار ئەنۋەر «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» نى ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ مىكروفونسىز ئورۇنلىغان ناخشا ساداسى نامايىش ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەكتى، يەنە بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ئىسسىق ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىپار ئەنۋەرنىڭ باشلامچىلىقىدا كۆپچىلىك يەنە بىر قېتىم غەزەپلىك شوئار ساداسى بىلەن بىنا ئالدىدىكى مەيداننى لەرزىگە كەلتۈردى.

نامايىش ۋە شوئار سادالىرىدىن كېيىن بۈگۈنكى نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. گەرچە سائەتلەپ باشلامچى بولۇپ شوئار توۋلاشتىن ئىلشات ھەسەننىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ قالايلا دېگەن بولسىمۇ، ئۆزى ناھايىتى جۇشقۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ بۇ قېتىمقى «خانىم-قىزلار نامايىشى» غا يۈزلىگەن ئاياللار ۋە قىزلاردىن باشقا يەنە كۆپ ساندىكى يىگىتلەر ۋە ئەرلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ ھال، نۆۋەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورتاق داۋاسى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى،» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىش پائالىيىتى نيۇيورك شەھىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر جايلىرىدىن بولغان ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا كۆپلىگەن كىشىلەرنى، جۈملىدىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلدى. نامايىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياۋروپادىن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي يېتىپ كېلىشى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ مىننەتسىز يوسۇندا نامايىشچىلار ئۈچۈن غىزا ئېلىپ كېلىشى، نامايىشچىلار ئارىسىدا توپ-توپ خانىم-قىزلاردىن باشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھەر ساھە بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور رىشات ئابباس، دوكتور مەمەت ئىمىن، دىنىي زاتلاردىن نۇردۇن ھاجى، رەخىم ھاجى قاتارلىقلارنىڭ كۆزگە چېلىقىشى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆملۈكتە ئىش كۆرۈش روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.