
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى» دە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى تەكلىپ بويىچە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كرىزىستىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە قىيىن ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدلىك ۋە بەردەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان سىياسىي كونتروللۇق غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ يەر ئېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن 2018-يىللىق «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى» پائالىيىتى 5-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان مېھمانلار ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تېگىشلىك روللارنى ئويناۋاتقان ئىككى كىشى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن ئىدى.
پائالىيەت رىياسەتچىسى نۇرى تۈركەل سۆز نۆۋىتىنىڭ ھۆرمەتلىك جېيمىس مەكگوۋېرنغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى بىلەن ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى باشقا زاتلاردىن پەرقلىنىدىغان بۇ كىشىنى پۈتۈن زالدىكىلەر قىزغىن چاۋاك بىلەن ئالقىشلىدى.
جېيمىس مەككوۋېرن مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يەردە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن. خۇددى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىرىڭلارنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەق ۋە ھوقۇق داۋالىرىنى قوللاپ كېلىپ كېلىۋاتقان بىر ئورگان. سىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھەقلىرىنى قوللاۋاتىسىلەر. باياتىنقى بىرنەچچە نۇتۇقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قانداق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قانداق بىر شەكىلگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئوخشاش ئىدىيەدىكى كىشىلەر بىر مەۋقەگە مەركەزلىشىپ، ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شانلىق تارىخقا ئىگە جەزبىدار بىر مەدەنىيەت. مۇشۇ پائالىيەتكە تەييارلانغان ئۇيغۇر تائاملىرىدىكى سەنئەت ھەمدە ھازىرمۇ بۇرنۇمغا پۇراۋاتقان مەززىلىك ھىدلار شۇنىڭدەك يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىن مەن بىلەن سۆھبەتتە بولغان كۆپلىگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن مەن بۇنى ھېس قىلالايمەن. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن مەغرۇرلىنىدۇ.»
پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن ئارقىدىن ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى بىر تەبىئىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى كۈرەشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى، ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ئىنسان بولۇش ھەققى بار. ھېچقانداق بىر شەخس ياكى دۆلەتنىڭ بۇنداق ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ھەققى يوق. شۇڭا بۈگۈن ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۈگۈن سىلەر بىلەن بىللە بولالىغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن. بۇندىن كېيىن مەن يەنە داۋاملىق ھالدا سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا سىلەرگە ھەمدەم بولۇشقا تىرىشىمەن. سىلەرنىڭ داۋايىڭلار بىزنىڭ داۋايىمىزدۇر. شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ئىزگۈلۈك ھامان غەلىبە قىلىدۇ شۇنىڭدەك ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. بۈگۈن بۇ سورۇنغا مېنى تەكلىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن چەكسىز تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. يادىڭلاردا بولسۇنكى، مەن داۋاملىق ھالدا سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار بولۇشقا تىرىشىمەن شۇنداقلا مۇشۇ زالدا كۆرگەزمە قىلىنغان پائالىيەتلەردىن تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلماقتىمەن.»
بۇ قېتىمقى تەكلىپلىك مېھمانلار قاتارىدا كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن يەنە بىرەيلەن «لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى» نىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم ئىدى. ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە ئۇزۇن يىل پائالىيەتتە بولغان مەرھۇم ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم لەنتوس ئەپەندىنىڭ پەرزەنتى بولغان كاترىنا خانىم 2015-يىلى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى بايراقدار شەخس، د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا «توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» نى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي زىيانكەشلىكنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مۇشۇ يەردە سىلەر بىلەن بىللە بولالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمەن. مۇشۇ تاپتا مەرھۇم ئاتام مۇشۇ يەردە بولغان بولسىدى، دەپ بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى رەھمەتلىك ئاتام ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئەينى ۋاقىتتا رابىيە قادىر خانىمنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىشقا بەكلا كۈچىگەن ئىدى. شەخسەن مەنمۇ بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل مۇقەددەم دادامنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى مېدالىنى ئۆز قولۇم بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بوينىغا ئېسىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان ئىدىم. ھالبۇكى، ھازىرقى كۈنلەردە بۇ پايتەخت شەھىرىدە شۇنداقلا بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە يېتەرلىك ساندىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەرنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيۋاتىدۇ ياكى ئۇنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا نۇرغۇن يىللار بولدى. ھازىر بولسا ئۇلار ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى زىيانكەشلىك تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق سورۇقچىلىق تارتىۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى بولسا تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ ياكى ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە سولىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلەرگە قارىتىلغان ئىنتايىن ۋەھشىي ۋە رەزىل قىلمىشتۇر.»
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلماستىن، يەنە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ غەرب دۇنياسىدىكى ئەركىن جەمئىيەتلەرگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يالغۇز بىرلا مىللەتنىڭ داۋاسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن: توم لەنتوس فوندى ھەرقاچان سىلەر بىلەن بىللە! توم لەنتوس فوندى ھەرقاچان سىلەرنىڭ داۋايىڭلارنى ئۆزىنىڭ داۋاسى، دەپ بىلىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي تەۋەسىدىكى كىشىلەرنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم سېلىشتىن تاشقىرى دېڭىز-ئوكيانلاردىن ھالقىپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا، جۈملىدىن ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەركىن دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا. شۇڭا مۇشۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەننىڭ بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. مۇشۇنداق يىغىنلار ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ۋاشىنگتوندىكى زاتلارغا، خىتاي ئەلچىخانىسىدىكىلەرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا بىزنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمايدىغانلىقىمىزنى، بىزنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى، بىزنىڭ بۇ كۈرەشتىن ئۇنداق ئاسان ۋازكەچمەيدىغانلىقىمىزنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھېسابىنى بەرمەي قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويالايمىز. ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە سىلەرنى ئېغىشماستىن قوللاپ قوۋۋەتلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!»
پائالىيەت ئارىلىقىدا پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋرىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەردىن ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا سىياسىيونلىرىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا ئېيتىدىغان سالىمىم شۇكى، سىلەر يالغۇز ئەمەس! ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى، ئۇيغۇر داۋاسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ھەمدە سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى خالايدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار. شۇڭا سىلەر ھېچقاچان يالغۇز ئەمەس. بىز ھەرقاچان سىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز! شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. سىلەر ھامان بىر كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى جارى قىلدۇرغان ھالدا ئۆز مەدەنىيىتىڭلاردىن ھۇزۇرلىنالايسىلەر! سىلەرگە مەندىن ئەڭ ئىزگۈ سالاملار بولسۇن! مەن داۋاملىق سىلەر ئۈچۈن بىر كىشىلىك تىرىشچانلىقىمنى جارى قىلدۇرىمەن!»
كاترىنا خانىممۇ سەپەر تەييارلىقىنىڭ قىسلىقىغا قارىماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەق ۋە ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاچ، مۇمكىن بولسا خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى، سىلەر بۇ زېمىندا ئۇنتۇلغان خەلق ئەمەس! بۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدا سىلەرنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىڭلارنى ياخشى بىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار. بىز سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردارمىز. بىز سىلەرنىڭ مەدەنىيىتىڭلارغا، شىجائىتىڭلارغا، ئۆز كىملىكىڭلارنى ساقلاش تىرىشچانلىقىڭلارغا ھەۋەس قىلىمىز شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىگە، تارىخىڭلارنى، مەدەنىيىتىڭلارنى، ئېتىقادىڭلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقىنىڭلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. بىز ھەرقاچان سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز، سىلەرنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايمىز! شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىڭلارنى ھىمايە قىلىش يولىدا قولىمىزدىن كېلىدىغاننىڭ ھېچقايسىسىنى ئايىمايمىز!»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇقى بولغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر بۇ ھالنى بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارىماقتا ئىكەن.