
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراش ئەھۋالى يەنە كۆپەيگەن.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىش ھەتتا ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلگەن ئىدى.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىدە بولمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش، ئۇلار ئارقىلىق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقىلىرىنى ئېنىقلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش، ھەتتا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى بارغانچە كۆپەيگەن.
ئامېرىكىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بۇلتۇر، يەنى 2017- يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە ئۈندىدار، ۋاتسئاپ قاتارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلغان.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يۇرتتا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋپ يېتىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولغان خىتاي ساقچىسىنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ۋە ۋاتسئاپ ئۇچۇر توپىغا قوشقان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېرىم كېچىدىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان بۇ خىتاي ساقچىسى دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇنىڭدىن ئامېرىكىدا كۈندىلىك تۇرمۇشنى قانداق قامداۋاتقانلىقى ۋە قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى سورىغان. ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئەگەر يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىماقچى بولسا، قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ساقچىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خىتايغا ۋىزا ئېلىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ خىتاي ساقچىسى ئۇنىڭدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزلىرىگە قەرەللىك دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى بانكا ھېسابىغا پۇل سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلغان.
ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىسى بىلەن مەجبۇرىي ئۇچۇر ئالاقىسى ئورناتقان بىر ئاي ئىچىدە، ھەر قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇ ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغان. ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق ئەنسىرىگەن بۇ ئۇيغۇر يۇرتتا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇلارنى ئاللاغا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقە-ئۇچۇرلىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەم 10 ئايدىن بۇيان يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولمىغان.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۇ يەنە ئۆزى بايان قىلغان ئەھۋاللارنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى بىرقانچە دوستلىرىدىنمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئەھۋاللارغا يولۇققانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرنەچچىسىدىن ئۇلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا تايىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداش ھەققىدە مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە پەقەت ئامېرىكىلا ئەمەس بەلكى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك يەرلىشىۋاتقان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز تەھدىتلىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، ئىلگىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ۋەخپىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھامۇتخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى ۋەخپىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن.
ھامۇتخان ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەھدىت ۋە بېسىملىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدا ئەمەلىي ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا خېلىلا ئاز بولۇشىغا، ئۇلاردا ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان بىۋاسىتە تەھدىت ۋە بېسىملىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.