Almuta-Uyghur-Guzili-2018-01.jpgئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر گۈزىلى 2018» مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 8-مارت. ئالمۇتا، قازاقىستان.

«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىكى جاي-جايلاردا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان مەزكۇر بايرامنىڭ مەزمۇن دائىرىسى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش ئەنئەنىگە ئايلاندى. مۇنداق پائالىيەتلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تارتىپ جانلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۆز خانىم-قىزلىرىغا چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن قارىماقتا.

بۇ يىلىمۇ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى ھەمدە «مىراس»، «شەبنەم» قاتارلىق ئانىلار ۋە خانىم-قىزلار جەمئىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردە ئۆتمۈشتە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر نامايەندىلەر ئەسكە ئېلىندى، كۆپ بالىلىق ئانىلارغا، قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئالاھىدە تىلغان ئېلىنىپ، رىغبەتلەندۈرۈلدى.

مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، مىللەتپەرۋەرلىكى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ۋەتەن داۋاسى يولىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن دىلبىرىم سامساقوۋا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ياخشى تونۇش. شۇ ۋاقىتلاردا دىلبىرىم سامساقوۋا بىلەن بىر سەپتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، دىلبىرىم سامساقوۋا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتايلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان شەخس ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىسالەت ئارىپوۋا قاتارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «8-مارت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇبارەكلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇ زامانلاردا دىلبىرىم سامساقوۋا خانىم ناھايىتى كەڭ ئالقىشلارغا ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئاكتىپ پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرغانلارنىڭ بىرى ئىدى. دىلبىرىم خانىم ئادۋوكات گۈلنۇر جالانوۋا بىلەن بىللە ئىشلىدى. گۈلنۇر جالانوۋا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي ھۆججەتلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىش، ئۇلارنى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلاردا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر ئۇيغۇر خانىم ھۆرقىز ئىلىيېۋامۇ مۇشۇ دەۋردە مۇھىم تېما بولغان-خىتاينىڭ لوپنوردىكى ئاتوم سىنىقىغا قارشى كومىتېت قۇرۇپ، بۇ پولىگوننىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىكى زىيىنىنى پاش قىلىشتا چوڭ رول ئوينىغان ئىدى.»

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆرقىز ئىلىيېۋا بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى، ئۇچرىشىشلارنى ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ يەنە 2009-يىلىدىكى «بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن داۋاسىدا قازاقىستاندىن رىسالەت ئارىپوۋا، ئاسىيەم تۇردىيېۋا، نائىلەم ھەمرايېۋا، دىلنۇر قاسىموۋا قاتارلىق ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى، ئۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك ئۇسۇللاردىكى پائالىيەتلەرنىڭ پەيدىن-پەي ئاكتىپلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

قەھرىمان غوجامبەردى سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى، ھازىرقى شارائىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىدىكى ئىشلىرى ناھايىتى سۇس ھالەتتە. ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ئىشقا ئانچە ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ. بۈگۈن ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئېغىر مەسىلە شۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرىستان دەھشەتلىك بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› دە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار زۇلۇم چېكىۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە ئېغىر مەزگىلدە مەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ئاكتىپ بولۇشقا، جانلىق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.»

قازاقىستاندىكى «ئاخبارات» ژۇرنىلىنىڭ خادىمى نائىلەم ھەمرايېۋانىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىن چىققان تونۇلغان شەخس، مەرھۇمە تامارا مەمەتوۋا ئىلگىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى لاۋازىملىرىدا خىزمەت قىلغان، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۆز ئۆمرىنى جەمئىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلىغان زىيالىيلاردىن ئىكەن. نائىلەم ھەمرايېۋا خانىم، تامارا مەمەتوۋانىڭ نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تەشەببۇسكارى بولغانلىقىنى، ئۆز بىلىمىنى ۋە كۈچىنى خەلقىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەشتۈرۈشكە بېغىشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «تامارا قاسىم قىزى مەمەتوۋا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسىنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ بىرلەشمىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە قازاقىستان قانۇنىغا تايىنىپ، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن سىياسىي قاچاقلارغا پاناھ بېرىپ، ئانىلارچە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا بىخەتەرلىك تەمىن ئەتكەن ئىدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، سىياسىي لىدېرىمىز رابىيە خانىم بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلىدى. تامارا خانىم ئۆزىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى بىلەن يادىمىزدا مەڭگۈ ساقلانغۇسى».

ھازىرقى شارائىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۆز مەملىكىتىدىكى ۋەزىپىلىرى نېمىدىن ئىبارەت؟

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولغان شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ يەردىكى ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا چۈشۈۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يەتكۈزۈشتىن تاشقىرى يەنە مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ئۇلارغا تونۇتۇشىمىز كېرەك. كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئانىلار زور كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. جاي-جايلاردا تەشۋىقات-تەرغىبات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بولۇپمۇ بالىلارنى مىللىي روھتا تەربىيىلەشتە، ئۇلارغا تارىخىمىزنى ئۆگىتىشتە ئانىلارنىڭ بىلىملىك بولۇشى ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىن يەنە مەريەم سەمەتوۋا، ئايشەم شەمىيېۋا، پاتىگۈل سابىتوۋا، ساھىبجامال قارابايېۋا، روشەنگۈل ئىلاخۇنوۋا، مەريەم نىيازوۋا، تامارا ئەلىباقىيېۋا قاتارلىق كۆپلىگەن ئاتاقلىق سەنئەتكارلار، ئەمگەك قەھرىمانلىرى، كومپوزىتورلار، ئالىملار، يازغۇچىلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر نامايەندىلىرى قاتارىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.