qazaqistan-muhemmed-salih-xatirilesh.jpgقازاقىستاننىڭ تالغىر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 19-فېۋرال، ئالمۇتا.

19-فېۋرالدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق بېساغاش يېزىسىدىكى «ئاق ساراي» رېستورانىدا دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ناھىيەنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بېساغاش، تۇسدىباستاۋ ۋە باشقىمۇ يېزىلىرىدىن، شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئىلى، ئەمگەكچىقازاق، پانفىلوف ناھىيەلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ 400 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمنى تالغىر ناھىيەلىك ئۇيغۇر يۇرت-جامائەتچىلىكى ئۇيۇشتۇردى. دەسلەپ مەرھۇم نامىغا خەتمە-قۇرئان ئوقۇلۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمە ھالى توغرىلىق فىلىم كۆرسىتىلدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى قازاق، قىرغىز ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەتتا تۇڭگانلارنىڭمۇ تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىستىك دائىرىلىرىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىكلەرنى چەكلەش، دىنىي زاتلارنى كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ھازىرغىچە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئۆلۈم سەۋەبلىرىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە ئاممىۋى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى دۇنياغا پاش قىلىش مەقسىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

مۇھەممەد سالىھقا بېغىشلانغان بۇ مۇراسىمدا سۆزلىگەن قازاق خەلقىنىڭ ۋەكىلى سېرىكجان بىلەش ئوغلى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، ئەمدى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا، قازاقلارغىمۇ قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى قازاقلار ئۈچۈنمۇ ئۇستاز بولغان دىنىي زات مۇھەممەد سالىھنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە قۇربان بولغانلىقىنىڭ شۇنىڭ يارقىن بىر دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. سېرىكجان بىلەش ئەپەندى ئۆز سۆزىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قېرىنداش خەلقلەردىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قازاقلارغىمۇ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر پۈتكۈل ئىلىنىڭ ئاۋۇللىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىنى بەلگىلەپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ رۇخسەت قەغەزلىرىنى ئېلىپ بەرگەن كېنجېباي دېگەن ئىمام مۇشۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن سوتلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ قىزى ‹ئاتام تىرىك، ۋاپات بولغىنى يالغان› دېگەن مەلۇماتنى بەردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر تۇغقانلىرى ‹بىز خىتايغا باردۇق، يەتتىسىگە قاتنىشىپ كەلدۇق› دېدى. ئۇ، ئىمامنىڭ ئۆلۈك-تىرىكى ئېنىق ئەمەس».

سېرىكجان بىلەش ئوغلى قازاقلارنىڭمۇ دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ پاكىتسىز، تەرگەۋسىز، سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىپ، ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەر كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەردە، بالىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ۋەكىلى ئىبراھىم ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلىقىنى، مۇھەممەد سالىھنىڭ ۋاپاتىنىڭ پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن جاپالارنىڭ ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بارلىق تۇغقان خەلقلەرنىڭ بىرلىشىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىمدا سۆزلىگەن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، دىنىي زات سەدىردىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر بىر ماتەمدە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ نادانلىقتىن، ئىمانسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، بىلىم ئىگىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى «ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى ئۇرازۇلى قىدىرەلى ئەپەندى دىنىي زات مۇھەممەد سالىھنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان رەھىمسىز سىياسىتىدىن ۋاپات بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىرىكىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشقا سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ كەمگىچە خىتايدا يۈرۈپ، بىز، ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر بىر-بىرىگە قارشى بولدى. بىز مۇشۇ يەرگە كېلىپ، ئەمدى چۈشەندۇق. بىز شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىن كۈنلەرنى ئۆز بېشىمىزغا كەلمىگەنلىكتىن بىلمىدۇق. شۇ چاغدا مۇمكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىدۇر، دەپ ئولتۇردۇق. دەل ھازىر شۇ ھەسرەتلىك يىللار بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلدى. ئەمدى مانا چۈشىنىۋاتىمىز. بۇ ئومۇمەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەڭ بىرىنچى، مۇسۇلمانلارغا، ئاندىن كېيىن تۈركىي خەلقلەرگە قىلىۋاتقان چوڭ زۇلۇم ھەرىكىتىدۇر. شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم داموللىنىڭ ئۆلۈمى شۇ يەردىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ روھىي ئۆلۈمى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ لىدېرى ئىدى. بىز بۇنىڭغا ئومۇمەن قازاقلار نامىدىن قايغۇرۇپ كۆڭۈل ئېيتىمىز. خىتاينىڭ مۇشۇ داموللىغا قىلغان زورلۇقىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىغا قىلغان زورلۇقى دەپ بىلىمىز».

تالغىر ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى رېھىمجان ھېزىموفنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر مۇراسىم ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كۆپچىلىكتە زور تەسىرات قالدۇرغان بولۇپ، مۇھەممەد سالىھنىڭ بىۋاقىت ئۆلۈمى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ كېيىنكى بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا بىز كۆپلىگەن ئالىم-يازغۇچىلىرىمىزدىن، مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. خىتاينىڭ ۋەتەندىكى قان-قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. بۈگۈنكى پائالىيەتتە ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى قېرىنداش قازاق، ئەزەربەيجان خەلقلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزگە چىقىشى بولدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، قېرىنداش تۈرك تىللىق مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق قېرىنداشلارنىڭمۇ زور بېسىم ئازابلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى».

رېھىمجان ھېزىموف دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى كۆپلىگەن خەلقلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.