2018.02.16

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشنىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىلتىماسى ياكى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باش مىنىستېر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر دوكلاتنى سۇنغان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلەپ قويغان ياكى ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيەدە دىپلوماتىك رەسمىيەتلەرنى قايرىپ قويۇپ، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بىنالى يىلدىرىم ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «دۇنيا خەۋپسىزلىك يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە كەلگەن ئىكەن. 16‏-فېۋرال باشلانغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى، مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى قاتارلىق شەخسلەر، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مېي، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنجامىن نىتانىياخۇ، ئىراق باش مىنىستىرى ئابادې، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى پروشېنكو قاتارلىق سىياسەتچىلەر قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمغا تاپشۇرغان دوكلاتىنىڭ تەپسىلاتى تېخىچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تاقاشنىڭ كۈنتەرتىپتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى، ب د ت ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئورۇنلارنى تاقاشقا، ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.