قىرغىزىستاننىڭ ئا ك ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى بۈگۈن ئالمۇتادا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى بىر سوئالغا دۇچ كەلگەن. خىتاي باش ئەلچىسى جاۋابىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.
قازاقىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ ۋېي بۇ سوئالنى سورىغان مۇخبىرنى مەزكۇر خەۋەرنى تارقاتقان ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيەسىدىن سوراشقا دەۋەت قىلغان. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ئارقا-ئارقىدىن قۇرغان ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئېغىز ئېچىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جاڭ ۋېي سۆزىدە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاقلاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان چارە-تەدبىرلەرنىڭ ھەرقانداق دۆلەتتە، جۈملىدىن قازاقىستان ياكى ئامېرىكىدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇ مەنتىقىدىن ئالغاندا خىتايدا بولۇشىنىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرقلەرنى، بولۇپمۇ خىتايدىكى مەلۇم بىر مىللەتنى كوللېكتىپ جازالاش مەسىلىسى ئۈستىدە ئېغىز ئاچمىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا بۇلتۇر 3-ئايدىن باشلان كېڭەيتىپ تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا تۇنجى بولۇپ رادىيومىز تەرىپىدىن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن «تېلېگراف گېزىتى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» ۋە س ن ن تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بەردى. س ن ن تېلېۋىزىيەسى بىلەن «تېلېگراف گېزىتى» رادىيومىز خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، قەشقەردە 120 مىڭ كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسا، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 500 مىڭدىن ئارتۇق دەپ خەۋەر قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 25-يانۋار كۈنى دۇنياغا ئېلان قىلغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تاقاش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىسىدە مەزكۇر لاگېرلاردىكى كىشىلەر سانىنىڭ بىر مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.