
يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ بىرىدە 82 يېشىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇمغا ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى. بەزى جايلاردا مەرھۇمغا ئاتاپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغان بولسا يەنە بەزى جايلاردا مەرھۇمغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئۆتكۈزۈلدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2-فېۋرال كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون شەھىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان فالس چۇرچ شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانا زالىغا توپلىنىپ، مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزدى.
كەچ سائەت ئالتىدىن باشلاپ يىغىلىشقا باشلىغان جامائەت زالغا جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، بىرلىكتە غىزالاندى. ئاندىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ دوستلىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى مەرھۇم ھەققىدە سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
تەكلىپكە بىنائەن سۆز ئالغان رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئەينى يىللىرى مەرھۇم بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە تونۇلغان دىنىي ئۆلىمالاردىن نۇردۇن ھاجىم سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتتە بولمىغان ۋە ياشىنىپ قالغان بىر دىنىي ئالىمنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش ئورنىدا جان ئۈزگەنلىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، دۈشمەننى ئېنىق تونۇۋېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن ئۇ مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمغا ئاتاپ قىرائەت قىلدى. قىرائەتتىن كېيىن نۇردۇن ھاجىم باشلىق جامائەت بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتۈردى.
دۇئادىن كېيىن نۇردۇن ھاجىم بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقانلار ۋە ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلەلمىگەنلەرنى 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال پاجىئەسى» نىڭ 21 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىپ بېرىشكە چاقىردى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلشات ھەسەنمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى مۇمكىن بولسا بۇ نامايىش پائالىيەتلىرىدىن باشقا15-مارت كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ نامايىشقىمۇ قاتنىشىشقا چاقىردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپاتىغا ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، بىر تۈركۈم ئىلىم ئەھلىنىڭ 1980-يىللىرى ئەتىۋارلىنىپ مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز بويامچىلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئىلشات ھەسەنمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا گەرچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈش ئىمكانى بولمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان غەزىپىنى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان باش ئەگمەيدىغان جاسارىتىنى ئىپادىلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىق ۋە ھەمدەرتلىك روھى يەنە بىر قېتىم جانلىق نامايان قىلىندى.