2018.01.29

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە بۇ ئورۇنلارنى تاقاشقا چاقىردى.

باياناتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان باستۇرۇش ۋە غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىپ، ئۇلاردىكى ئاتالمىش «رادىكاللىق» ۋە «خاتا ئىدىيەلەر» نى تۈزىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم بولمىسىمۇ، بىراق ئاز كەم بىر مىليون، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا، ناتسىستلار گېرمانىيەسى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىغىۋېلىش ۋە گۇلاگ لاگېرلىرىنى، بوسنىيە، رۋاندادىكى تراگېدىيەلەرنى خاتىرىلىتىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا چېكىۋاتقان ئىزتىراپى، رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەھرىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى كۈچەيتىشى، نەتىجىدە بۇ، مەزكۇر لاگېرلارنى قوغداۋاتقان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

ئامېرىكىدىكى «كارنىگى خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە رەھىمسىزلىك دەرىجىسىنى تارىختىكى ھېچقانداق دەۋرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلسا، بۇنىڭ خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.