2018.01.10

ئامېرىكىنىڭ مۇھىم تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىر بولغان ۋىلسون مەركىزى ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1957‏- ۋە 1958‏-يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى ھەرىكىتى» توغرىسىدا بىر يۈرۈش تارىخىي ئارخىپلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭدا ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئەيسا، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوپ، زىيا سەمىدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم سەئىدى، ئەسئەت ئىساھاقۇف ۋە سەيدۇللا سەيپۇللايوفلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان مۇستەقىللىق ئېلىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ تور بېتىدە ئىنگلىزچە ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ ئەمگىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ، ماقالىسىدە مەزكۇر ئارخىپلارنىڭ ئەينى چاغدىكى تارىخنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش ھەرىكەتلىرى» نىڭ مەقسەت ۋە ماھىيەتلىرىنى دۇنيانىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلسون مەركىزى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاشكارىلىغان موسكۋا ئارخىپلىرىدىكى مەزكۇر ماتېرىياللارنىڭ چۈشەندۈرۈش قىسمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ 1957‏- ۋە 1958‏-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى ھەرىكەت» نىڭ داۋامى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

رابىيە خانىم ماقالىسىدە مەزكۇر ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلانغان، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم سىياسىي تەلەپلەرنى تۆۋەندىكىچە رەتكە تىزغان: بىرىنچى، خىتايدىن تەلتۆكۈس ئايرىلغان مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش. ئىككىنچى، سوتسىيالىزم قۇرماسلىق، قۇرۇشقا توغرا كەلسە، خىتاينىڭ ياردىمىسىز قۇرۇش. ئۈچىنچى، خىتاي دۆلىتى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش. تۆتىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى كەڭ، ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس.

رابىيە خانىم ماقالىسىدە يۇقىرىقى نەقىللەردىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان خىتاي ھاكىمىيىتىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلمىغانلىقى ۋە ھېچقاچان خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا راھەت ياشاپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنى مەزكۇر ماتېرىياللارنى بىر رەت كۆرۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلغان ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇر تارىخىدىكى يەنە بىر سىرلىق ۋەقە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئاتالمىش ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراش ۋەقەسىنىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلغان.