2018.01.08

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو: «خەۋەرلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، مىڭلىغان يېڭى ئامانلىق خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش، زور كۆلەملىك يىغىلىشلارغا تەشكىللەش، پۇقرالارنىڭ د ن ئا، بارماق ئىزى، كۆز، قان تىپى ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق پۈتۈن رايوننى بىخەتەرلىك تورىغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، پۇقرالار سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، زور كۆلەملىك بىخەتەرلىك كامېرالىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، كۈندىلىك ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنغان بۇ ئېغىر زۇلۇم رادىكالىقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ» دېدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تورى كىشىلىك ھوقۇق، دىنى ئەركىنلىك ۋە كىشىلەرنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ سىياسەتلەر پۈتۈنلەي سەلبىي نەتىجە بېرىدۇ. ئۇ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئورنىغا مۇقىمسىزلىق ۋە نارازىلىقنى پەيدا قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

كرىستوفىر سىمىت ۋە ماركۇ رۇبىئو باياناتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 30 دەك پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىپ، بۇ «خىتاينىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى قورقۇتۇش، تۇتقۇن قىلىش ياكى چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى» دەپ كۆرسىتىلدى.

باياناتتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىدا ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ «تىنچ دېموكراتىك ئۆكتىچىلەرنى ياكى دىنى ئەركىنلىك، يىغىلىش ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا كۆز يۇممايدىغانلىقىمىز ياكى يول قويمايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.