دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان فىرانسىيە پرېزىدېنتىنى بۇ جەرياندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى بېيجىڭدا قارشى تەرەپ رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ساناقسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىدۇ.»
چاقىرىقتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈز تۇتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ۋەھشىي ۋە كۆلەملىك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇر كىملىكى بىۋاسىتە تەھدىتلەرگە يولۇقۇپ، ئوچۇق ئاسسىمىلاتسىيەگە دۇچار بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
چاقىرىقتا 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەقىب كۆزىتىش-سىياسەتلىرى، دىنىي چەكلىمە سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئۆرنەكلىرى توپلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
چاقىرىقتا يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى زەربە نىشان قىلغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رابىيە قادىرىنىڭ 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
چاقىرىق ئاخىرىدا فىرانسىيەنىڭ ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ياقىلاشتا تۈۋرۈكلۈك رول ئويناپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، ئۇ، بۇ خىل قىممەت قاراشلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ ھۆرمەت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىلغان.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر خەلقى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دەپ، ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە خورلۇق تارتىشتىن قۇتۇلالايدۇ.»
فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 8-يانۋاردىن، 10-يانۋارغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ مەزكۇر چاقىرىقى ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىغا توغرا كەلدى.