xitayning-qoli-guwahliq.jpgئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى» تېمىسىدىكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر سۆزلىمەكتە. 2017-يىلى 13-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

13-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى.

يىغىندا گۇۋاھچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىدە بولۇش جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تەنقىدىي مۇھاكىمىلەر ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە چېتىشلىق تەنقىدلەرنى شۇ جايلاردىلا بوغۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلدى. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر «دۇنيانىڭ ئەرزان باھالىق زاۋۇتى» دەپ تەرىپلەۋاتقان خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي كۈچ بولۇش سۈپىتىدە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنى چەتئەللەرگە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى خېلىدىن بۇيان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. 13-دېكابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ 2- قىسمىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيۇ بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ بۈگۈنكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ ئەركىن جەمئىيەت شەكلىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەملىكەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا چەتئەللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتاي ھەققىدىكى تەنقىدلەر ۋە خىتاينىڭ زۇلمەتلىك سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىگۈچىلەرنى جىمىقتۇرۇش، خىتاي تارىخىدىكى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى چەكلەش، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياقمايدىغان تېمىدىكى پىكىرلەرنىڭ خىتايغا تارقىلىشىنى توسۇش قاتارلىق مەقسەتلەردە قولىدىن كەلگەن چارىلەرنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك، بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوتتۇز نەچچە تۇغقىنىنى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ماركو رۇبىيو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈرلۈك يازما مەلۇماتلاردىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىش قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن يۈزلىگەن پىداكار شەخسلەرنىڭ تۈرمىلەرگە چۈشۈۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مانا مۇشۇ خىل يۈزلىنىشنى چەتئەللەرگە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئېگە قىممەت قارىشى ئۈچۈن بىر زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى سىياسەت ساھەسىنىڭ بۇ ھالغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرى، ئامېرىكىدىكى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ خادىمى شانتى كالاتىل سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شەكىلدە ھەممىلا يەرگە قول سوزۇشىنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتايدىكى 170 مىليوندىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ۋە يېڭىدىن ئورنىتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 400 مىليون كامېرانىڭ پۇقرالارغا ھېچقانداق شەخسىيەت ماكانى قويمىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزقاراش ۋە ئۇچۇر ساھەسىدىكى بۇ «ئۇزۇن قول» نىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بارغانلىكى جايدا دېموكراتىيە قارىشىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى ئالىمى گلېن تىففېرت ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا چەتئەللەرگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشى توغرىلىق سۆز قىلدى. ئۇ بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا «كوڭزى مەكتىپى» ئېچىۋاتقانلىقى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ سان جەھەتتىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇ ھالغا قارىتا «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سوئال قويۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كوڭزى مەكتەپلىرى ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي نىشانلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات رولىنى ئوينىماقتا ئىكەن.

گلېن ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر نۇقتا چەتئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سان جەھەتتە ھازىر ئامېرىكىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەشكە بېرىپ يەتكەنلىكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردىكى سىنىپ مۇزاكىرىسىدە ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەيدىغان پىكىرلەرگە ئۆكتە قوپىدىغانلىقى بولدى. ئۇ بۇنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك شەكلى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ يەنە بىر شەكلى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويماقچى بولۇشى، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى نىشان قىلغان خاككېرلىقنىڭ توختىماسلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رىچاردسون خانىم «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى» ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى شەخسلەرگە بىۋاسىتە چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا جەنۋەدىكى ب د ت شتابىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە يىغىن زاللىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ب د ت خىزمەتچىسىنىڭ نورمال ۋاقىتتىن بالدۇرلار ئۆيلىرىگە كېتىشكە بۇيرۇلۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرقانداق پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتۇققا ئىشتىراك قىلىشى مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە پرىنسىپلىرى بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان ب د ت بىناسىغىچە قول ئۇزىتىپ، بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانى يىغىن زالىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ب د ت نىڭ خىزمەت مىزانىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى» ھەققىدىكى تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.