مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەخمەت زاھىت ھەمىدى بۈگۈن تايلاندتىن مالايشىياغا قېچىپ ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ، بۇ ھەقتە تايلاندتىن ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە تېگىشلىك ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما ھازىرغا قەدەر مالايشىياغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىنى بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مالايشىياغا قېچىپ كەلگەنلىكىنىڭ تېخى دەلىللەنمىگەنلىكىنى ئېيتقان. زاھىدى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە يەنە «بىزنىڭ ھەرقانداق بىر تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزىنى قوغلاپ تەكشۈرەلەيدىغان مېخانىزىمىمىز بار،» دېگەن. «ئەركىن مالايشىيا خەۋەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، زاھىدى يەنە «ئەگەر مەزكۇر ئۇيغۇرلار مالايشىيادا بولسا، بىز ئۇلارنى قانداق قىلىپ تۇتۇشنى بىلىمىز، بىز ھازىر ئاسىيادىكى ساقچى ئورگانلىرى ۋە خەلقئارا ساقچى ئورگىنى بىلەن بۇ ئىش ئۈستىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز،» دېگەن.
مەزكۇر خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە تايلاندنىڭ مالايشىيا بىلەن تۇتۇشىدىغان جايىدىكى ساداۋ كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى كېچە سائەت 2 دە قاماقخانىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكى يېزىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنىلا بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى تۇتقان ئەھۋالدا خىتايغا قايتۇرماسلىققا ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.