yashlar-zalgha bayraq -élip -kirmekte«شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى» فورمىسىدىكى ياشلار زالغا بايراق ئېلىپ كىرمەكتە 2017-يىلى 19-نويابىر، ۋاشىنگتون شەھرى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 12-نويابىر كۈنى ئۇنتۇلغۇسىز بىر خاتىرە كۈندۇر. چۈنكى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتقان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلەشنى ئۈزۈپ قويغان ئەمەس.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىلقى «ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى» نى 19-نويابىر چۈشتىن كېيىن ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فايرفاكس شەھرىدە كۈتىۋالدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن 2017-يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتى گەرچە ئۆتكەن ھەپتىدە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى سەۋەبىدىن بىر ھەپتە كېچىككەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتى كۆتىرەڭگۈ روھ ۋە شادىيانە كەيپىيات ئىچىدە پائالىيەت زالىغا توپلاندى.

بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە شائىر تاھىر ھامۇت رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ باشلاش سۆزىدە «12-نويابىر» نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن «12-نويابىر» كۈنىنى خاتىرىلىشى لازىملىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئىككىنچى قەدەمدە بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە 1944-يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى» نىڭ فورمىسىنى كىيگەن ئىككى جۈپ ئوغۇل-قىز مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتىرىپ زالغا كىرىپ كەلدى. پۈتۈن زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئاندىن «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى» ئورۇندالدى، كۆپچىلىك  بىردەك ئورنىدىن تۇرۇپ، چىن قەلبىدىن ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى.

بۇ باسقۇچلاردىن كېيىن بۈگۈنكى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنبەرگە چىققاچ ئالدى بىلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى سۆيۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ئاندىن بۈگۈنكى خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك سىىياسىي كۈچلەردىن بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقالمايدىغانلىقىدىن بىر بىشارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەمدە يوقىتىلىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھازىرقى كۆپ قىسىم ياشلارغا يەنىلا ئۇنچە تونۇشلۇق ئەمەس. مانا مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ قېتىم ياشلارغا ۋە قىزىققۇچىلارغا بىر قېتىملىق رەسىملىك بايان ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەت ئىشتراكچىلىرىدىن بىرەيلەن تەييارلاپ كەلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەت يىلنامىسى ھەققىدىكى رەسىملەر توپلىمى ئاساسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ توپلامنى باشتىن ئاياق چۈشەندۈرۈپ چىقتى.

بۇ توپلامدا 1933-يىلىدىكى بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن باشلاپ، 1944-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىت  يوقىتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىي مۇھىت زور ساندىكى فوتو رەسىملەر، قوليازمىلار، باسما بۇيۇملار قاتارلىقلار ئارقىلىق تەپسىلى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى ئۈچۈن تەييارلانغان پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇتەپەككۈرلار ۋە قەلەم ساھىبلىرىنىڭ يازمىلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇش بولدى. بۇنىڭدا مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا، مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار ئوقۇلدى.

شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرمۇ بۇ ھەقتە ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن شېئىرلارنى ئوقۇدى. ۋىرجىنىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل ساھەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلىرىنى ھەل قىلىش ئارزۇسىدا ئوتتۇرىغا چىققان «غەمگۇزار ئانا» (Ana Care) يەكشەنبىلىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قۇرۇق كەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلەپ «ئىلىپبەنى تۈگەتتىم» ناملىق شېئىرنى ئوقۇدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا خەلق ناخشىلىرى ئېيتىلدى، شۇنىڭدەك پائالىيەتكە ئىشتراك قىلغۇچىلار بايرام تەنتەنىسى ئۈچۈن ساماغا چۈشتى.