margarita-bawzi-xanim-6-qurultay.jpgد ئۇق 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدا گېرمانىيە پارلامېنتى ئەزاسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باۋارىيەدىكى سابىق رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى مارگارىتا باۋزى خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى قوللاش ھېسسىياتىنى تەكرار بايان قىلدى. 2017-يىلى 10-نويابىر، ميۇنخېن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدا چەتئەللەرنىڭ سىياسىي سەھنىلىرىدىكى زاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان بۇ زاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

تۇنجى بولۇپ سۆز ئالغان گېرمانىيە پارلامېنتى ئەزاسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باۋارىيەدىكى سابىق رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى مارگارىتا باۋزى خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى قوللاش ھېسسىياتىنى تەكرار بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان، رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشقان 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلدىم. بۇ سەۋەبلىك ھەر تۈرلۈك بېسىملارغىمۇ دۇچ كەلدىم. بۇ بېسىملار مېنىڭ ھەقلىق بولغان ئۇيغۇر دەۋاسىغا نىسبەتەن قوللاش ھېسسىياتىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. مەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ جاسارەتلىك، تېخىمۇ غەيرەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىچكى زىددىيەتلەر تۇغۇلسا، ئۇنى يەڭ ئىچىدە ھەل قىلىپ، خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ھەممەيلەن گويا بىر مۇشتتەك ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۆرسىتىشى لازىم. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى 10 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ، خەلقئارالىق بىر مەسىلە ھالىغا كەلدى. بۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى، ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا سەگەك بولۇشۇڭلار، د ئۇ ق نىڭ نوپۇزىغا تەسىر يېتىپ قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشىڭلار لازىم دەپ قارايمەن.»

ئىككىنچى قېتىم سۆزگە چىققان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋە پان-ياۋروپا ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى بېرند پوسسېلت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىگە كۆپ قاتناشتىم. مەسىلەن، نامايىشلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە بولدۇم، تۈرلۈك ئۇيغۇرچە قۇتلۇقلاش مۇراسىملىرىغا قاتناشتىم. سىياسىي يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلدىم، ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەگدىم، ئۇيغۇر سەنئىتىدىن ھۇزۇرلاندىم. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى چۈشەندىم. ئۇيغۇرلارنى كۆزەتتىم. بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق. ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتىدۇ. لېكىن، بۇنداق پاجىئەلىك ھايات تېخى 20-30 يىللار ئىلگىرى شەرقىي ياۋروپالىقلارنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن. مۇستەبىت رېجىم ئاستىدىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بۈگۈن ھۆرلۈككە ئېرىشتى. ئۇيغۇرلارمۇ چوقۇم ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىك، ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرىدىغان زامان يېتىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، بۇندىن كېيىنمۇ كۈرەشلىرىنى زور غەيرەت بىلەن قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مارگارىتا باۋزى خانىم ئىلگىرى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپلىگەن پائالىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئىشىكىنى ئۇيغۇرلارغا ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھېلگا ترۇپېل خانىم سۆزگە چىققاندا، ئۆزىنىڭ ھازىر ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بولۇپلا قالماي، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭمۇ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ سالاھىيەت بىلەن خىتايغا كۆپ قېتىم بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتايغا دوست ئورگان ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان بىر كومىتېت. مەن خىتاي خەلقىگە دوست، لېكىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ئەمەس. مارگارېتا باۋزى خانىم گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتىدە، مەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە د ئۇ ق بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا كۈچلۈك بىر سىگنال يوللاۋاتىمىز. بىز زوراۋان ياكى تېررورچى ئەمەس. بەلكى زوراۋان ۋە تېررورچىلارغا قارشى، ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى 10 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپلا ئۆز ئىلكىدىكى خەلقلەرنى ئېلېكترونلۇق كونترول قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. خىتاي سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ليۇ شاۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە مەن بېيجىڭدا ئىدىم. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خەۋەردىن شۇنچىلىك چۆچۈپ كەتتى. گەرچە بۇ ھەقتىكى خەۋەر خىتايدا قاتتىق كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلقى، بولۇپمۇ قەلەمكەشلەر بىلەن مۇخبىرلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى 11 يىل تۈرمىدە ياتقان ليۇ شياۋبو راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكۈچە، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىشىغا يول قويماسلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر مۇستەبىت، رەزىل بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى جاھانغا ئىسپاتلاپ بەردى. ئاخىرقى 10 يىلدا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن يامان بىر ھالغا كەلدى. بىر يەھۇدىي ئالىمى ئېيتقاندەك، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە تەبىقىدىكى ئىنسانلار قورقۇنۇشتىن خالىي ياشىيالىغان جەمئىيەتلا ھەقىقىي ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ گەپ كاتالونىيە ئۈچۈنمۇ، تىبەت ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەركىن، خاتىرجەم ياشىيالىشى لازىم. مەنچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلاردىن ئىنتايىن قورقىدۇ. بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، قارشى پىكىر، ئوخشىمىغان ئىدىيە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كۆز يۇمۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ يوقىتىش ئارقىلىقلا ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك.»

ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان باكېر سۆزگە چىققاندا، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلقئارا كۈرەش» تىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققان ئاخىرقى يىللاردا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. خىتاي ھاكىمىيىتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى قورال قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئاخىرقى 10 يىل ئىچىدە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار تۈرمىلەرگە تاشلاندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر تەھدىتلەرگە يولۇقتى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا ‹تېررورىزم› دېگەن بىر ئاتالغۇدىن پايدىلانماقتا. ‹تېررورىزم›، بۈگۈن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى چىققان، نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلقنى باستۇرۇشنىڭ قورالى بولۇپ قالدى. بۈگۈن دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەن تىبەتلىكمۇ ‹تېررورچى› بولۇپ قولغا ئېلىنماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئەڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش، ياكى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ زۇلۇملارنى ئازايتىشنىڭ بىر يولى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر بېسىم كار قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىنى خىتاي خەلقىگە كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئۇلاردا ھاكىمىيەتنىڭ رەزىللىكىگە بولغان چۈشەنچە ئويغىتىش، يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىرىدە ئادالەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. مېنىڭ ۋە ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان سىگنالىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس. چۈنكى بىز، دۇنيادا ئەگەر بىر ئىنسان ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسا، پۈتۈن ئىنسانىيەت تېخى ئازاد بولمىدى دەپ قارايدىغان بىر جەمئىيەت.»

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۇئىسا خانىم، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تۇبتېن ئەپەندى، ئىتالىيەدىكى زوراۋانسىز رادىكال پارتىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى لائۇرا خانىم، تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن خاننو شىدلېر ئەپەندى ۋە خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پاترىك مايېر ئەپەندىلەرمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.