2017.11.12

1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىگە تارقالغان ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيەتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەنمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جۇمھۇرىيەت كۈنى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلاب ھەققىدە تۈرلۈك ماقالىلەر، ئۇچۇرلار ۋە سۈرەتلەر ھەم ئىنكاسلار بەس-بەستە ئېلان قىلىنماقتا. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرمۇ خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى تورىدا مەخسۇس جۇمھۇرىيەت كۈنى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى بەرپا قىلغان ئەجدادلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل، 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلۇپ، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى مەشھۇر سىياسىي ئەرباب سابىت داموللا باش مىنىستىر، مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى خوجا نىياز ھاجى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاقتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە 84 يىل، 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، 5 كۈندىن كېيىن، يەنى 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 73 يىل توشتى. تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىرىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئىلگىرى-كېيىن 6 ئاي ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ، ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇملىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىن ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقان ئىدى. ئارىلىقتا 11 يىل ئۆتۈپ، غۇلجا شەھىرىدە ئەلىخان تۆرە رەئىسلىكىدە تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تاكى 1949-يىلىغىچە داۋاملىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، مەتبۇئات-نەشرىياتلىرى، مەدەنىيەت-مائارىپ ئورگانلىرى ھەمدە پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا ئىقتىسادىي سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلدى. مىللىي ئارمىيە 100 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ياراتتى. ئەمما، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، 1949-يىلى 11-ئايلاردا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىدى.

غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 12-نويابىر كۈنىنى ئىنقىلاب ۋە دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ خاتىرىلەشنى قارار قىلىپ، مەزكۇر بايرام تاكى 1949-يىلىغىچە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.