2017.11.09

ئۇيغۇر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون بىلەن ئۇچراشقان.

رابىيە قادىر خانىم بۇ ئۇچرىششتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىۋاتقان ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھلىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە ئۆزى ھازىرغىچە خەۋىرىنى ئالالمايۋاتقان ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 40 نەچچە نەپەر كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىزلىكدىن مەلۇمات بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە تۈركىيەدە قېيىچنلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئانىلار ۋە يېتىم بالىلار، ئىراق ۋە سۈرىيەدە سەرگەردان بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار، جۈملىدىن قارانچۇقسىز قالغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزگەن.

خەۋەردن مەلۇم بولۇشىچە، سوفىيا رىچاردسون خانىم مەسىلىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئىشتاتلاردىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىشنى ۋە ياردەم سوراشنى تەسىيە قىلغان. سۆھبەت جەريانىدا مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگان-ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شتاتلاردىكى پارلامنىت ئەزالىرى ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىۋاسىتە تەھدىت ۋە جازالارنى يەتكۈزۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ تەۋسىيە قىلىنغان.

بۈگۈن بۇ تېمىدا رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلغان رابىيە قادىر خانىم، غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىدا «يېپىق تەربىيىلەش» تە قامىلىپ ياتقان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم بېرىش ۋە ياردەم سوراشقا چاقىرىق قىلدى.