2017.10.27

پاكىستان مۇشتەررەك ئىسخىتبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغان 3 نەپەر پاكىستانلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى 26‏-ئۆكتەبىر كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.

پاكىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ 18‏-ئۆكتەبىر باشلانغان 19‏-قۇرۇلتىيىدىن بىر-ئىككى كۈن ئاۋۋال پاكىستانلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر ئۇيغۇر، ئابدۇقېييۇم شەمشىددىن، ئابدۇغېنى قاتارلىق ئۈچەيلەننى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
پائالىيەتچىلەردىن «پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ جۈمە كۈنى رادىيومىزنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان ئىستىخبارات دائىرىلىرى ئۇلارنى پەيشەنبە كۈنى قويۇپ بەرگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللار تېخى مەلۇم ئەمەس.

بۇ، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ پاكىستان ئىستىخبارات دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىشى ئەمەس. پاكىستان دائىرىلىرى ئۆمەر ئۇيغۇرنى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئاۋۋال بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭدىن «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» نى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، پاكىستان مۇشتەررەك ئىسخىتبارات ئىدارىسى ئىلگىرى بىر قېتىم ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلىگەن. بىراق ئۆمەر ئۇيغۇر پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قارارىنى بىكار قىلدۇرغان ئىدى.

ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ئىستىخبارات دائىرىلىرى خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى ۋە بېسىمىدا ئۇنىڭغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ كەلمەكتىكەن.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ قېتىم يەنە تۇتقۇن قىلىنىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا تۇتقۇنلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.