خىتاي دائىرىلىرى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن 11 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-ئۆكتەبىر باشلانغان 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ جۈمە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئابلىكىم، ئالىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىدىن بولۇپ 11 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما قالغان پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك»، «ئاشقۇنلۇق»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋالغان. دائىرىلەر بۇ خىل «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلگەن.
رابىيە قادىر خانىم يەنە پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن سىرت، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى، قۇدا-باجىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، نەۋرىلىرى، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى، قۇدا-باجىلىرىنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىدىن بولۇپ 30 دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.
ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى تەنقىدلەپ، «دۇنيا، ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بىر مىللەتكە قارىتىلغان بۇ خىل ‹مىللىي قىرغىنچىلىق› نى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ئاي خىتاينى زىيارەت قىلغاندا «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاي بىلەن سوغۇققان ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىنى، قاماقتىكى پۈتۈن بىگۇناھ ئادەملەرنى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى.