2017.10.26

26-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر يىغىننىڭ تېمىسى «خىتايدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» دېگەن تېمىغا بېغىشلانغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى بېسانىي ئەللىن خانىم ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆز قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا بولسۇن ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق قىلىۋاتقان بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىش مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سوفى رىچاردسون ۋە بېتىنىي خانىملار سۆزلىرىدە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» غا بېرىلىدىغان مەبلەغنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ كۆپلەپ قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىتىشىمىز داۋامىدا تەپسىلىي خەۋەرلەر سەھىپىسىدە داۋاملىق ئاڭلايسىلەر.