amerika-dolet-mejlisi-uyghur-guwahliq.jpgئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 26-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي بېسىم ۋە ئۇنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن مەلۇماتلار بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسىلىلەر بىلەن تونۇشلۇق مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى قاتناشتى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگاۋېرن ۋە راندىي خالتگرېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن راندىي خالتگرېن سۆز ئېلىپ مەدەنىيەت، دىن ۋە كىملىك مەسىلىسىدىكى ئىنكاس سۈپىتىدە بىر قاتار جىددىي ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇشۇ ھەقتە بىر مۇكەممەل تەكلىپ لايىھىسى تەييارلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئالغان جېيمىس مەكگاۋېرن ئالدى بىلەن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچ، باشقا سۆز قىلغۇچىلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىم، «چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى بېسانىي ئەللىن خانىم، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇندىن كېيىن جېيمىس مەكگاۋېرن سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىن ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە قاتتىق قوللۇق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل كونتروللۇق خاھىشىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك» ياكى «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئەقەللىي سۆز، ھەرىكەت ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى تامامەن تارتىۋالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن بېسانىي ئەللېن خانىم ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولغان «چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زىيارەتتە بولغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن قاراش ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇقلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن غايەت زور ساندا قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار كېلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىكى ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ» دەپ جاكالاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش، ھەتتا شەخسى تېلېفونىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىغىچە تەكشۈرۈش كەبى بىرقاتار قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرگە قارىتا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا ئىشلىرىغا كۆڭۈلدىكىدەك مۇھىت ھازىرلاش ئۈچۈن ئاشۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز زۆرۈر» دېيىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان سەۋەبلەر ئىكەن. چۈنكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىدا ئىقتىسادىي نىشان ئەمەس، بەلكى باشقىچە مەقسەتلەرنىڭ كۆزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇنلىغان ئامىللار مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرى ئۈچۈن يىلىغا ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنماقتا ئىكەن. بۇ بولسا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئالغان ئالىم سېيتوف، دۇنيا ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 1-نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخس چېن چۇەنگونىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن «تورلاشقان نازارەت سىستېمىسى» بەرپا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن جاي-جايلاردا سانسىزلىغان «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سولانغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى مەركەزلەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسى بىلەن تولۇق قوراللانغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېلېفون تەكشۈرۈش، گېن ئەۋرىشكىسى يىغىش قاتارلىق بىر قاتار كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ 24 سائەتلىك نازارىتى ئاستىدا دەككە-دۈككىلىك ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەسىدىكى نامدار شەخسلىرىنى بىر-بىرلەپ نىشانلىق يوقاتماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چەتئەللەرگە قولىنى سوزۇپ، مىسىردا نورمال دىنىي ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر ھۆكۈمىتى ئارقىلىق قولغا ئالغان.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئېغىر سىياسىي بېسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا دائىملىق بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ يازما باياناتىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى يىغىن ئەھلىگە ئوقۇپ بەردى. مەزكۇر باياناتتا رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھوقۇقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاياق-ئاستى بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ زور «قانۇنىي ئاساس» قا ئېگە بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن قانۇنلۇق ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى، «قۇرئان كېرەم» ۋە جاينامازلارغىچە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىڭ ئاخىرىدا سوفى رىچاردسون خانىم سۆز ئېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۇنۇلىدىغان تەكلىپ توغرىلىق نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاياق ئاستى بولۇشى شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى جىددىي ھالدا خىتاي تەرەپنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى تەشكىللەش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا كومىتېت رەئىسى جېيمىس مەكگوۋېرن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى يىغىننىڭ بىر زور ئەھمىيىتى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە بەكرەك زېھىن قويۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۈلپەتلىرىنى ئەسلىتىش، شۇ ئارقىلىق ئاق ساراينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر پۈتكۈل مىللەت بويىچە مۇشۇنداق ئېغىر تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي شارائىتتا مەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ھەممىلا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.