خەلقئارادىكى «نازارەت» (The Spectator) ۋە «خىتاي ئارخىپى» (Chinafile) قاتارلىق ئاخبارات ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بۈگۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ تىپىك بىر دىكتاتور ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئىسلاھات ئۈمىدى كۈتۈلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەر ئىككى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۈگۈنگە قەدەر بىر قىسىم كىشىلەر، جۈملىدىن بەزى غەرب ئەللىرى خىتايدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلسا، سىياسىي زۇلۇمنىڭ پەيدىن-پەي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭمۇ ئاستا-ئاستا ئىسلاھات يولىنى تاللايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. ماقالىلەردە دېيىشىچە، خىتاي شى جىنپىڭ دەۋرىدە سىياسىي ئاتموسفېرا جەھەتتىن ئارقىغا قاراپ چېكىنىپ ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە يېقىنلاشقان.
پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ماقالىلەردە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدا دۆلەتنىڭ بېيجىڭغا، بېيجىڭنىڭ پارتىيىگە، پارتىيەنىڭ بولسا رەھبەرگە بېقىنىش ھالىتى شەكىللەنگەنلىكى، يەنى، بىر پارتىيە دۆلىتىگە ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىلەردە دېيىلىشىچە، دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىككە ۋاسىتە بولۇۋاتقان ئىنتېرنېت، خىتايدا شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ قاتتىق بېسىمغا قورال بولماقتا.
ھەر ئىككى ماقالىدە يەنە شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم» غەلىبە تەنتەنىسىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى، خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىگە قەدەر بىر قاتار ئېغىر مەسىلىلەر زەنجىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۆتكەن كۈنى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىغا قارشى بىر ماقالە قىلىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رابىيە خانىم بۇ سۆزلىرىگە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن 100 لەرچە قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە يەنى، 2013-ۋە 2014 -يىللىرى يۈز بەرگەنلىكى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە قاماقلىق ئىكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.