2017.10.25

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە خىتابەن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تۇتقۇندىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

پاكىستان ساقچىلىرى خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بىر ۋە ئىككى كۈن بۇرۇن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر ئۇيغۇر، ئابدۇقېيۇم شەمشىدىن ۋە ئابدۇغېنىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر باياناتىدا ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتچىسى؛ ئابدۇقېيۇم شەمشىدىننىڭ بولسا بىر ھەۋەسكار سىياسىي مۇلاھىزىچى، ئابدۇغېنىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ پائالىيىتىنىڭ پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ تۇتقۇندا شۈبھىسىز ھالدا خىتاينىڭ قولى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندىن بىر ئاي ئاۋۋال ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى تاقاش ھەققىدە پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھەر قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك يىغىن ۋە مۇراسىملىرى داۋامىدا بىر تۈركۈم سابىق سىياسىي مەھبۇسلار ۋە نۇقتىلىق ئائىلە ئەزالىرىنى قاماق ئېلىپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مۇراسىمدىن كېيىنكى قويۇپ بەرسە، يەنە بىر قىسمىنى باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. باياناتىدا بۇ ۋەزىيەتنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن رابىيە قادىر خانىم، پاكىستاننى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتلىك ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يولسىز تەلەپ ۋە بۇيرۇقلىرىنى رەت قىلىشقا، خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىدەك ھەرىكەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان.