2017.10.22

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىئانو راجوي شەنبە كۈنى يېقىندا مۇستەقىللىق رېفېرېندۇمى ئۆتكۈزگەن ۋە نۆۋەتتە مۇستەقىللىق جاكارلاشقا تەييارلىنىۋاتقان كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارىئانو راجوي كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىش ئارقىلىق كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان. شەنبە كۈنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، كاتالونىيە مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، ئەنە شۇ يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە مارىئانو راجوي ئىسپانىيە ئاساسى قانۇنى بويىچە كاتالونىيەنىڭ پۈتۈن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، راجوينىڭ بۇ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن كاتالونىيە رەھبىرى كارلېس پۇيدگېمونت، ئەگەر ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەستىن، كاتالونىيەنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قوللانسا، ئۇ ھالدا كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ دەرھال مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چارىسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىسپانىيە يۇقىرى پالاتاسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسپانىيە دائىرىلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماي ئۆتكۈزۈلگەن رېفېرېندۇمدا كاتالونىيە مۇستەقىللىقى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن كرىزىس ئېغىرلاشقان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ تىنچ ۋاسىتە، يەنى دېموكراتىك جەرياننى قوللىغان بولۇپ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كاتالونىيە مۇستەقىللىقىغا قارشى چىقىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ئىدى.

كاتالونىيە مەسىلىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى ئۆكتەبىردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت كاتالونىيەنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر ۋە كاتالونىيە مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.