ب د ت نىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا ۋەكىلى جېيسىن ماك، بۈگۈنكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئۇ دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت قىسمىدا ئەينەن مۇنداق دېدى: «بىز، تىبەتنىڭ بىر قىسمىدا، شىنجاڭنىڭ بولسا ھەممىلا يېرىدە داۋام قىلىۋاتقان ھەربىي ھالەت سىياقىدىكى ۋەزىيەتتىن قايغۇرماقتىمىز».
رۇسىيە، خىتاي، بىرما، كۇبا، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ ئۆتۈلگەن مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئىقرارنامە بايان قىلدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىندى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ ئاينىڭ 6- ۋە 8-كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىنغان يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
ب د ت دا ئېچىلىۋاتقان 36-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى 11-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان 29-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدۇ.