
«ھەقىقىي سىياسىي مەھبۇس» دېگەن ئەسلىمەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئابدۇراخماننىڭ خەۋىرى تېپىلدى. مەرھۇمنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى دوستى ماڭا ئۇچۇر يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇراخمان 1981-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، چېلەك مەھەللىسىدە ئولتۇراتتىكەن. 2007-يىلى ئۇ سەيىدەخمەت ۋە قۇربان دېگەن ئىككى دوستى بىلەن تەييارلىقنى باشلاپ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى توسماقچى ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ نەزىرىنى ئۇيغۇرغا بۇرىماقچى بولغان.
ئەپسۇس، شۇ يىلى ئۇلار ئۈرۈمچىدە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقاندا رابىيە قادىر سودا سارىيىدا تىجارەت قىلىدىغان ئالماس دېگەن دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇتۇلۇپ قالغان. ئالماس سوراقتىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سەۋەبسىز ئۆلۈپ كەتكەن. سەيىدئەخمەت ۋە قۇربان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئابدۇراخمان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2013-يىلى ئىجرا قىلىنغان.
دوستلىرىنىڭ ئەسلىشىچە، ئابدۇراخمان كىچىكىدىن قورقماس، ھەققانىيەتچى بالا بولۇپ، كۆز ئالدىدا يامانلىقلارنىڭ بولۇشىغا ھەر قاچان سۈكۈت قىلالمايدىكەن. ئابدۇراخماننىڭ ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان دوستى ساۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە، 2004-يىلى ئاق مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئابدۇراخمان بىر ئوغرىلىقنى توسىمەن دەپ مەيدانغا چىقىپ تاياق يەپ كەتكەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە ساۋۇت بىلەن بىللە تۇرغان چاغلاردا ئۆزى جاپا تارتسىمۇ دوستلىرىنى تەڭلىكتە قويمىغان. تاپقان پۇلىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، قولىدا بارىنى قىينىلىپ قالغان دوستلىرىدىن ئايىمىغان ئىكەن.
2007-يىلنىڭ بېشىدا ئابدۇراخمان ئولىمپىكنىڭ مەشئىلىنى ئۆچۈرۈشنى پىلان قىلغان. ئۇ بۇ پىلانغا خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجادىكى دوستلىرىنى دەۋەت قىلغان. شۇ يىلى باھاردا ئابدۇراخمان دوستلىرىنى ئېلىپ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ساۋۇتنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆچۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە دوستلىرىغا چۈشەنچە بەرگەن ئىكەن. ساۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە ئابدۇراخمان شۇ كۈنى:
- بۇ ھۆكۈمەت دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ ئولىمپىك ئۆتكۈزمەكچى. ئولىمپىك مەشئىلىنى گىرىتسىيەدىن ياندۇرۇپ دۇنيانى ئايلانماقچى. يورۇقلۇق، ئەركىنلىك ۋە ياشاشنىڭ سىمۋولى بولغان مەشئەلنى كۆتۈرۈش خىتايدەك پۇقرالىرىنى ئۆلۈم، زۇلۇم ۋە قاراڭغۇ زىندان بىلەن قورقۇتۇپ باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ خاراكتېرىگە زىت. ھۆكۈمەت ئولىمپىك ئۆتكۈزىمەن دەپ دۇنيانى ئالداپ زالىم خاراكتېرىنى يوشۇرماقچى. بىز بۇ مەشئەلنى ئۆچۈرەلىسەك، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ شېرىن خىيالىنى بەربات قىلغان بولىمىز. بۇ يولدا شېھىت بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما دۇنياغا بۇ يەردە چىدىغۇسىز بىر زۇلۇمنىڭ بارلىقىنى شۇ ئۆلۈم بىلەن ئىسپاتلايمىز.
- قاراپ تۇرۇڭلار، ئولىمپىكنىڭ مەشئىلى زېمىنىمىزدىن ئۆتكەندە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى بىزگە چۈشىدۇ، كومپارتىيە خەلقىمىزنى ئۇسۇلغا سالىدۇ، دۇنياغا ئۇيغۇرلار شاد-خۇرام، كومپارتىيەدىن خۇرسەن، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بىز مەشئەلنى ئۆچۈرەلىسەك، دۇنياغا بىزنىڭ مىللەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇسۇلچىسى ئەمەس، زۇلۇمغا قارشى جەڭچى بولۇپ تونۇلىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ غەزەپ-نەپرىتى دۇنياغا ئاشكارا بولىدۇ.
- ھۆكۈمەت ئەگەر مەشئەلنى زېمىنىمىزدىن خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ كەتسىچۇ؟ مۇشۇ زېمىنغا كۆمۈلگەن، بىز ئۈچۈن جان بەرگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پاك روھى قورۇنىدۇ. بىز زالىمنىڭ قويغان ئويۇنىغا سۈكۈت قىلغان، چاۋاك چالغان، شېرىك بولغان قارايۈز ئەۋلادلارغا ئايلىنىمىز.
- ئاغىنىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتكۈزمەكچى بولغىنى ئولىمپىك مەشئىلى ئەمەس، دوزاخ مەشئىلى. ئەگەر بىز بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمىسەك، بۇ ھۆكۈمەت ئاشۇ مەشئەل بىلەن جېنىمىزنى، ئىمانىمىزنى، ئەۋلادىمىزنى كۆيدۈرىدۇ. يۇرتىمىز بۇ دۇنيادىكى دوزاخقا ئايلىنىدۇ، -دېگەن ئىكەن. بۇلارنى دەۋاتقان ساۋۇتنىڭ ئاۋازى دەسلەپ بوغۇلۇپ چىقىپ، ئاخىرى چىقماي قالدى.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ساۋۇت ئابدۇراخماننىڭ ئايالى بىلەن چىقىپ كېپەنلىك خەسە ئاپتۇ. ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى ئانىسىنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ بىللە چىقىپتۇ. شېھىت دادىسى يۆرگىلىدىغان كېپەنلىككە دومىلاپ ئويناۋاتقان بۇ سەبىي بالا دادىسى يوقىتالمىغان ناھەقچىلىك، باراۋەرسىزلىك ۋە خورلۇقلارنىڭ ئۆزىگە مىراس قالىدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن!؟