2017.08.28

بۈيۈك ئىرا گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يەكەندە دەخلىگە ئۇچرىغان كانادالىق مۇخبىر ناتان ۋاندەركلىپ، ئەسلىدە يەكەندە 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ قەتلىئامىنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى ھەققىدە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن بارغان ئىكەن.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە 100 گە يېقىن كىشى ئۆلدى دەپ خەۋەر بەرگەنلىكى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بولسا يەرلىكتىن ئىگىلىگەن پاكىتلارغا ئاساسەن ئىلىشقۇ ۋەقەسىدە 2000 دەك كىشى ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى قەتلىئام دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بۈيۈك ئىرانىڭ بۈگۈنكى بۇ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ قانلىق ۋەقەلەرگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلىرىنى يوشۇرۇشى يېڭى ئىش ئەمەس، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىمۇ خىتاي تەرەپ 200 نەچچە كىشى ئۆلدى دېگەن، ئۆكتىچى تەرەپ بولسا ۋەقەدە 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كانادالىق مۇخبىر ناتان ۋاندەركلىپ، 23-ئاۋغۇست كۈنى ئېلىشقۇدا ئەھۋال ئىگىلەۋاتقان ۋاقتىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 3 سائەت سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ بازىرىغا قارىتا ئاخبارات چەكلىمىسىنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا.