2017.08.04

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتايغا بەرگەن ۋەدىلىرىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ باياناتىنى «زالىمغا باش ئېگىش» مەنىسىدىمۇ ئىزاھلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «بىز خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئامانلىقىمىزدەك كۆرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە ھېچكىمنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشى ياكى خىتاينى نىشان قىلىشىغا يول قويمايمىز. شۇنىڭدەك مۇشۇنداق مەقسەتتىكى ھەرقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىنى يوقىتىش چارىسىنى يولغا قويىمىز» دېگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلىنىڭ شەرقى تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى ھەققىدىكى باياناتى خىتاي زۇلۇمىدا ياشاۋاتقان ۋە خەلقئارادىن ئىنسانىي ياردەم كۈتۈۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنى، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەپسۇسلاندۇردى» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرقانچە چوڭ خەلقئارالىق مەسىلىدە خىتايغا ئېھتىياجى بارلىقىنىمۇ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، باياناتىدا «ئەمما سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، چاۋۇشئوغلۇ بۇ قېتىم زالىمغا باش ئېگىش ۋە زالىمغا يانتاياق بولۇش مەنىسىدىمۇ ئىزاھلاشقا بولىدىغان بىر بايانات بەردى؛ بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە زىت باياناتلار بولماستىن يەنە ئاق پارتىيەنىڭ پرىنسىپلىرىغا، تۈركىيەنىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىگە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىگىمۇ خىلاپ بىر بايانات. مەن تۈرك ھۆكۈمىتى باياناتىدىكى بۇ خاتالىقنى جامائەت پىكرىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن پات يېقىندا چوقۇم تونۇيدۇ ۋە ئۇنى ئۇنى تۈزىتىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئىجرائاتىدا، زالىمغا يانتاياق بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنىڭ نۆۋەتتە ھېلىھەم تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئەھۋالىغا ۋە شۇنداقلا تايلاندتا ۋە مىسىردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن قىلغان بۇ سۆزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۈگۈن تۋىتتېر تورىدا بۇ خەۋەرگە «تۈركىيە خىتاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشقان.

دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار سۆزىدە، بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.