erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىللىق رامىزان چەكلىمىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

دۇنياۋىي چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئادەتتىن تاشقىرى دىنىي چەكلىمە يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىردەك ئەيىبلىمەكتە.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا رامىزان ئېيىدىكى قاتتىق تەقىپلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتىرجەملىك، تىنچلىق ئېيى بولغان مۇقەددەس رامىزاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى، يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئاچقانلىقتۇر» دېدى.

رامىزان مەزگىلىدە خوتەندىكى ھەر بىرئائىلىدە بىردىن كادىرنىڭ يېتىپ-قوپۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدىكى چارە-تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ خوتەندىكى ساقچىخانا ۋە كەنت كادىرلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ يىل رامىزان كىرگەندىن بۇيان نۇقتىغا چۈشكەن كادىرلار كەنتتىكى دېھقانلار بىلەن «5 تە بىللە بولۇش» ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن يېزا-كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن كادىرلار تاكى 10 كۈنگىچە دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپۇپ، ئۇلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى شەخسىي ھاياتىنى كۆزىتىدىكەن.

ئامېرىكا ياللانما ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىيلار باشقۇرۇۋاتقان  «قارا سۇ ياللانما ئارمىيىسى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكلىپ قىلغان.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق گېزىت «ۋالسترېت ژۇرنىلى» نىڭ سابىق ئوبزورچىسى مايكېل كرېگىر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «قارا سۇ ياللانما ئارمىيىسى» نىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇمىدىكى ئاھالىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە 15 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرسا ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەككەن

گۇما ناھىيەسىدە بۇ يىل «14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ گۇمىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

گۇمىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولۇم-قوشنىلار بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ 15 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ قالسا، ئۆي ئىگىسى ئەھۋالنى چوقۇم ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ قويۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ تۈزۈم 14 ياشتىن يوقىرى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

گۇمىدىن ئىگىلەنگەن بۇ ئەھۋاللارنى گۇما ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلار  ئىنكار قىلمىدى.

خوتەندىكى ياردەمچى ساقچىلار 48 سائەتلىك ئۇدا نۆۋەتچىلىك ۋە ئېغىر چارچاشتىن شىكايەت قىلدى

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ تۈركۈملەپ ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلار يېقىنقى ئۈچ-تۆت ئايدىن بۇيان بىر كۈنمۇ دەم ئالماي ئىشلىمەكتىكەن.

كېرىيەنىڭ كۆكيار ۋە سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇدا 48 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك ۋە ئېغىر چارچاش سەۋەبىدىن بەزى ياردەمچى ساقچىلار ئىستېپا سوراشقا مەجبۇر بولغان.

مۇھىت تەتقىقاتچىلىرى: «تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلار 2100-يىلىغا بارغاندا ئېرىپ تۈگىشى مۇمكىن»

«جۇڭگو ياشلار گېزىتى» 24‏-ماي كۈنى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ جىددىي تۈردە ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ۋە مۇھىتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

مۇھىت تەتقىقاتچىلىرى، ئەگەر تېمپېراتۇرا ھازىرقىدەك ئۆرلەپ ماڭسا 2100‏-يىلىغا بارغاندا تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ   80%  ىنىڭ پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4 مىليون 800 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تەڭرىتاغ  1‏-نومۇرلۇق مۇزلۇقى 2016‏-يىلى 4‏-ئايدىن بۇيان  2.7 مېتىر ئېرىپ تۆۋەنلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلىسە، تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقى 50 يىل ئىچىدە پۈتۈلەي ئېرىپ تۈگەيدىكەن.