
تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇنىڭغا يانداشقان ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئاخباراتلاردا يەنە ئورۇن ئالدى.
بەزى مۇلاھىزىلەردە تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئەزەلدىن قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ سەل پەسكويغا چۈشكەندەك بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇنداقتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ۋە ئەدلىيە كېلىشىملىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر بۇ كېلىشىمنىڭ مۇقەررەر مەنپىي تەسىرى بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ماي بېيجىڭدا ئۇچراشقان ھەمدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان. بۇلارنىڭ بىرى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كېلىشىم توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ «ئەدلىيە، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگە ئالاقىدار بىر قانچە ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغان» لىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، رەجەپ تاييپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش، قاتناش، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارىشى ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رەجەپ تاييپ ئەردوغان 13-مايدىن، 15-مايغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول مۇنبىرى» يىغىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ، بۇ زىيارىتى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرگەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
شۇ سەۋەبتىن خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە يۈكسىلىشى، جۈملىدىن بۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى چەككەن ھەمدە مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇ ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھازىرلانغان «جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» گە ئەڭ دىققەت قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىككى مەنپىي تەسىرى بار ئىكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بېرىلگەن بىر پارچە مۇلاھىزىگە قارىغاندا، تۈركىيە-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئىنتايىن تىز سۈرەتتە يۈكسەلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توسالغۇ بولۇپ كەلگەن.
تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى تاشقى سودا سوممىسى 2002-يىلى يىلىغا بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان بولسا، بۇ سومما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 27 مىليارد دوللارغا يەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيەدە ياسىلىۋاتقان بىر تىز سۈرەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلماقتا ئىكەن.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بېيجىڭدا بىر بەلۋاغ بىر يول مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلاننىڭ دۇنيادا تېررورىزمنى يوقىتىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەمىلى ئۈنۈمىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۇ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ دۇنيادىكى 60 دۆلەت ۋە 4 مىليارد 500 مىليون ئادەمنى قاپلايدىغان مۇھىم قۇرۇلۇش ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنى كۈتكەندەك نەتىجە قازىنىپ كېتەلمەيدىكەن.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بەزى دۆلەتلەر بۇ قۇرۇلۇشقا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ھىندىستان بۇنى بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باشقىلارنى ئەمەس، بەلكى پەقەت خىتاينىلا مەنپەئەتدار قىلىدىغانلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈنۈمسىزلىك ۋە چېرىكلىك بىلەن كىشەنلەنگەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا بولغان ئۇزۇندىن بۇيانقى ئۇرۇنۇشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋەجلىك سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىق نۇقتا ئۇيغۇر مەسىلىسى سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى. خىتاي تۈركىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇندىن بۇيان تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇپلا قالماي بىر تۈركىي قۇۋۇمىگە تەۋە بىر خەلق. خىتاي بۇلارنى بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ.»
ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ كۆپ تەرەپلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە خىتاينىڭ تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بىردىنلا تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىغا نېمىلەر سەۋەب بولغان؟
نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ئىچى ۋە بىر قىسىم تاشقى سىياسەتلىرى تۈركىيەنى خەلقئارا سەھنىدە يېتىم قالدۇرغان. بۇ تۈركىيەنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرغان بىر ئامىل بولغان بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينى تۈركىيەگە موھتاج قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يەنە كۈچەيتكەن. ئۇلار ئاتالمىش«ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش نىزامى» نى ئىجرا قىلىپ، ھەتتا تېلېۋىزور كۆرۈشنى رەت قىلىشىنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە ئىسىم چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، «مۇھەممەد»، «تۈركىزات» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارتا ئەيىبلەشلەردە بولغان ھەتتا 2009- يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بۇ نۆۋەت خىتاي يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغاندىمۇ لام-جىم دېمىگەن.
ئەردۇغاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا «جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» گە ئوخشاش سەزگۈر بىر كېلىشىگە ئىمزا قويغانلىقى توغرىسىدا توختالغان رابىيە قادىر خانىم يەنىلا تۈركىيەنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەجەپ تاييپ ئەردوغان خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ 16-ماي ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى ۋە پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر قاتار مەسىلەر ئۈستىدە سۆھبەتتە بولدى.
ئۇنىڭ، بۇ زىيارىتى ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېررورچى، دەپ ئەنگە ئېلىپ قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۇرد قوراللىق كۈچلىرى «YPG» نى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.