2017.05.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 7-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى» نى گوللاندىيەدە ئېچىشنى قارارلاشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، يىغىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئالىي كېڭەش يىغىنىغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي زاتلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرمۇ تەكلىپ قىلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىن ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسەتلىرى يۈكسەك پەللىگە چىققان ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىش، بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى، دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە پارلامېنتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى 2011-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.