2017.05.03

ئىتتىپاق كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قىلغان خىتابى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات سۇلتان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش « ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ «تېررورلۇق»، «زوراۋانلىق»، «ئالدامچىلىق» ھەرىكەتلىرى بىلەن «ئۇيغۇرلارغا قالاق، زوراۋان، نادان، قارا قورساق، بىمەنە» دېگەن قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ماقالىسىدە «ئۇچ خىل كۈچ» لەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇلار بىز ئۇيغۇرلاردىن چىققان مۇناپىقلاردۇر» دېگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇر مەسئۇلى «ئۇيغۇر ياشلىرىغا 5 سوئال» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مېھمانخانىلارغا چۈشۈشتە يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە «ئۇچ خىل كۈچ» سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالە خەلقئارا ئاخباراتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىكى زورلۇق ۋەقەلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونغا ھەسسىلەپ يۆتكىشى سەۋەب بولغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا باشلىق قىلىپ يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى سىياسىتى مەيدانىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى باشلىغان بۇ ھەرىكەت ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ئاساستا ھېلىھەم داۋام قىلماقتا ئىدى.

ئاپرېلنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابلەت مەمەت قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان.

شۆھرەت زاكىر خېتىدە ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئۇچ خىل كۈچلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ، جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

شۆھرەت زاكىرنىڭ ئوچۇق خېتىگە ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم: «قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.