
29-ئاپرېل شەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئاۋسترالىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە دۇئا ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.
بىز بۇ تەبرىكلەش مۇراسىمى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمدا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ھون توگ نگو (Hon Tong Nog)، خون زۇئى بېتسون (Hon Zeo Bettison)، جوھن گاردنېر (John Gardner)، تونى زاپىيە، (Tony Zappia) قاتارلىق ئەربابلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلىگەن.
مۇراسىمدا يەنە، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئالىمى ئابدۇسالام ئالىم، ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ئاكتىپ پائالىيەتچى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور مەمىتىمىن ئەلا، مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇھەممەد ئابدۇللاھ، ئاۋسترالىيە ئەلغەزالى مەركىزىنىڭ رەئىسى ئافروز ئەلى، ئادېلايد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور مارتىن بەيلېي ئەپەندى، ئادېلايد -ئانلەي شەھەر باشلىقى لاچلېن كلىين قاتارلىق كىشىلەر مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇراسىمنى تەبرىكلەپ سىنئالغۇلۇق تەبرىك كۆرۈنۈشى ئەۋەتتى.
بىز يەنە، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقە سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى تەقدىر قىسمەتلىرى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1998- يىلى جەنۇبىي ئاۋسترالىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتى نامىنى رەسمىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىپ جەمئىيەتنىڭ يېڭى نىزامىنى ھۆكۈمەتكە سۇنغان ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى رەسمىي نامدا پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.
ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3000 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسەن ئادېلايد، سېدنىي، مېلبورون قاتارلىق 3 شەھەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
بىز بۇ مۇراسىم پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان، دوكتور مەمىتىمىن ئەلا ۋە زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.