خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ بېسىمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، بولۇپمۇ تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل يوللارنى سىنىماقتا. بولۇپمۇ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ماقۇللانغان 50 ماددىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش باھانىسى بىلەن يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى. بۇ سەۋەب بىلەن شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئانتاليا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئوسمان تۇران ئەپەندى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدىن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان. ئۇ ھازىر يولنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ بولغان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئافيون ۋىلايىتىنىڭ ئەمىرداغ ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەن. بىز بۈگۈن يەنى 24-ئاپرېل كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ ئۇيغۇر ياش، بىر قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى، يەنە بىر قولىدا تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئەنقەرەگە قاراپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، سەپىرىنىڭ ھازىرغىچە ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، ئەمما پۇتلىرىنىڭ قاناپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئوسمان تۇران ئەپەندى ئۆزى ئەركىن دۇنياغا قېچىپ چىققان بولسىمۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز بىر زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى تۈرك رەھبەرلىرىگە ئاڭلىتىش، تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ نارازىلىق پائالىيىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدە جىددىي ۋەزىيەت ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ نامايىش قىلىشى ۋاقىتلىق مەنىي قىلىندى. ئۇ، كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدەك خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ. بۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئانتاليا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئوسمان تۇران ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بايان قىلىنغان بىر يازما دوكلاتنى تەييارلاپ، بۇنى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركچىلەر بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىپ دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باغچىلىغا بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئوسمان تۇران ئەپەندى 6 كۈندىن بېرى پىيادە مېڭىۋاتقانلىقىنى، يول بويى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى سورىغانلا كىشىگە ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇزۇن سەپەرگە چىقىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاش، ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش، تۈركىيەدە كىشىلەر داۋاملىق قىلىۋاتقان نامايىش تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوسمان تۇراننىڭ بۇ پائالىيىتى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئۇ، 19-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئانتاليا شەھىرىدىن پىيادە يولغا چىققان بولۇپ، بۈگۈن يەنى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئافيون ۋىلايىتىنىڭ ئەمىرداغ ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ، 23-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارا بايراملىرىدىن بىرى بولغان بالىلار بايرىمىنى ئافيون شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئوسمان تۇران ئەپەندىنى ئانتاليادىن ئەنقەرەگە كېلىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى ياچىيكىلىرى كۈتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، 23-ئاپرېل كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئافيون ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقى مەمەت قاراگۆز ئەپەندى كۈتىۋالغان. بالىلار بايرىمىغا قاتناشتۇرغان، مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى بىر كىلومېتر يولنى بىللە مېڭىپ ئۇزىتىپ قويغان. مەمەت قاراگۆز ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « پارتىيىمىزنىڭ ئانتاليەدىكى مەسئۇللىرى بىزگە تېلېفون قىلىپ، قېرىندىشىمىزنىڭ يولغا چىققانلىقىنى دېدى. ئافيون ۋىلايىتىمىزنىڭ چېگرىسىغا كىرگەندىن كېيىن بىز كۈتىۋالدۇق، بۈگۈن ۋىلايىتىمىزنىڭ چېگرىسىدىن چىقتى. بىزگە كەلگەن كۈندىن بېرى بىزنىڭ مېھمىنىمىز بولدى. بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى ئاڭلاتتى. ئۇ، خىتاي زۇلمىنى ئاڭلىتىۋېتىپ يىغلىدى، بىزنىمۇ يىغلاتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان زۇلۇمنى يۈرىكىدە ھېس قىلمىغان ئادەم تۈرك ئەمەس. بىز ھەردائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان دەرت-ئەلەمنى يۈرىكىمىزدە ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئافيون ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەت قاراگۆز ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتايغا قارشى قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى تېخىچە كىرگۈزمەيۋاتىدۇ. رابىيە خانىمنى تۈركىيىگە كىرگۈزمەزلىك ئۆز ئالدىغا بىر ئۇيات ئىش. ھۆكۈمىتىمىز بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوسمان تۇران قېرىندىشىمىزنىڭ قولىغا كۆك بايراقنى ئېلىپ 500 كىلومېتىرلىك يولنى پىيادە مېڭىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش دەپ قارايمەن. بۇ، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مەن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۈچ - قۈۋەت بېرىشىنى تىلەيمەن.»
سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور دوكتور ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندىمۇ ئوسمان تۇران ئەپەندىنىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىسى بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەر دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ھەر دائىم ئەيىبلىشىمىز كېرەك. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيسۇن، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە تۈركىيە قاراپ تۇرسا بولمايدۇ. شۇڭا ئوسمان تۇران قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ نارازىلىق سەپىرى تۈرك ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. »
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوسمان تۇران 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇنى بەزى پارتىيە، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۈتىۋالىدىكەن.