ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تشكىللەۋاتقان ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ «مىللى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىققا»قا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش مەزمۇنىدىكى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى، قازاق رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
22-ئاپرىل كۈنى «ئىلى گېزىتى» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈمان بارشىبېكنىڭ بىر پارچە ئوچۇق خېت شەكلىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلغان. جۈمەن بارشىبەكتىن ئىلگىرى 16-ئاپرىل كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى قۇرماش سېرجان ئوخشاش ئىدىيەدىكى ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
جۈمان بارشىبېكنىڭ ئوچۇق خېتىدە ئۆزىنىڭ «پارتىيە ئۇزۇن يىللار تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن قازاق رەھبىرى كادىر» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»نى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ ھەرىكىتىنى چېگرا سىرتى بىلەن باغلاپ:«چېگرانىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا< ئۈچ خىل كۈچ>لەر چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئەزەلدىن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە پىلانلاشنى توختامىدى» دېگەن.
ئۇ يەنە ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تۇرىدىغانلىقى» ۋە ھەرگىزمۇ «ئىككى يۈزلۈك ئادەم» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش«ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ئۇنىڭ سۆزلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە چەتئەللەردىكى باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.