
رابىيە قادىر خانىم قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ «ئوچۇق خېتى» گە ئىنكاس قايتۇردى
20 – ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، رايوندىكى «ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئى ساقلاش» نى تەلەپ قىلغان.
شۆھرەت زاكىر مەزكۇر ئوچۇق خەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى»نى، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ «پەقەت بىر مىللەتلا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق ئەمەس» لىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش « ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇشقا، «زوراۋان-تېرورچىلار» نىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ بايانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچوق-ئاشكارا باستۇرۇش ئوبېكتىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.
خوتەندىكى ئۇيغۇر كادىر سالامەتخان نىكاھ مۇراسىمىنى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان
خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە جازالىغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى97 نەپەر كادىر ئىچىدە چىرا ناھىيە چاقا يېزىسىدىكى ئۇيغۇر كادىر سالامەتخانمۇ بار بولۇپ، ئۇ نىكاھ مۇراسىمىنى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان ئىكەن.
رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان پۈتكۈل خوتەن تەۋەسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ، خەتنە توي ۋە نەزىر-چىراغ قاتارلىق مۇراسىملىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇندا كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى دەلىللەندى.
چىرا ناھىيەسىدىكى بىر خىتاي كادىر بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ جامائەت ئارىسىغا يامرىشىنى چەكلەش تەدبىرى» دەپ ئىزاھلىسا، بىر قىسىم يەرلىك ئۇيغۇرلار دىنىي ئادەت-مۇراسىملار ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلسە ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىپ قېلىش ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەرلىك ساقچىخانىلار تۇرپان كارىزلىرىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «سۇ ئىنشائاتى ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بۇ يىل جەمئىي 36 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۇرپان شەھەرلىك دائىرىلەرمۇ دۇنيا بانكىسى تەمىنلىگەن زور مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنى قوغداش تۈرى تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا، تۇرپان كارىزلىرى راستىنىلا قوغداپ قېلىندىمۇ؟ كارىزلارنىڭ ھازىرقى ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرپاندىكى 4 ساقچىخانىنىڭ ھەممىسى بىردەك نۆۋەتتە تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتقان ھامان تەكشۈرۈش ۋە تەقىبگە ئۇچرىماقتىكەن
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان چەتئەلدىن يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنغانلىقى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا ئورۇنسىز پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىمۇ بۇ ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنغان. رادىئومىزنىڭ ئاتۇشتىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا چەتئەللەردە دىنىي ساھەدە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.
تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەدىس ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى ئابدۇسالام ئابدۇلھەكىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بۇ خىل تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي نۆۋەتتىكى زەربە بېرىش نىشانىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسى تارقاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قاراتقان
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەربە بېرىش نىشانىنى مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قاراتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئەزىم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئارىسىدا «ئىككىيۈزلىمىچى» ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاخباراتقا بىلدۈرگەن.
ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى خالىس ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى زەربە نىشانىنى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىشى ئۇلارنىڭ كەسپىي مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى بوغۇپ تاشلايدۇ، دېدى.
گۈلشەن راخماننىڭ مۇسۇلمانلىقتىن تېنىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى
ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش» شامىلىدا توقسۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئاكتىپ گۈلشەن راخمان ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ «مۇسۇلمان ئەمەس» لىكى ھەققىدە بايانات بەرگەن.
ئۇ ئۆز نامىدىن ئېلان قىلغان «ئوچۇق خەت» تە: «مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدىلا كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولغان. بىزنىڭ ئائىلىمىزدە ھەممەيلەن كومپارتىيە ئەزاسى. شۇڭا بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى مۇسۇلمان ئەمەس!» دېگەن.
ئۈندىدار ۋە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بۇ بايانات ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.