aile-kuni-yighin-zali.jpg«ئائىلە كۈنى» نامىدىكى يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 14-ئاپرېل، شىۋېتسىيە.

‏شىۋېتسىيەدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، ئىبنى رۇشىد تەلىم-تەربىيە مەركىزى، شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىن 14-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى «ئەلھۇماسسان» يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

‏يىغىن ئالدى بىلەن «شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى سۆزگە چىقىپ يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا تەبرىك سۆزى قىلدى.

‏مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى 3 كۈنلۈك يىغىنغا شىۋېتسىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن تەخمىنەن 3000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

‏بۇ يىغىنغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىسلام ئەللىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، ئىلگىرىكى يىغىنلاردا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل يىغىندا سۆزلەشكە ۋاقىت بېرىلمىگەن. بىراق ئۇلار، يىغىن زالىدىن ئۈچ ئۈستەللىك ئورۇن ئېلىپ، تەشۋىقات كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇلار كۆرگەزمە زالىدىكى ئۈستەلگە قويغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بېسىلغان شارپا، مايكا، ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى، ئەركىنلىك شوئارى بېسىلغان شەپكە، شۋېدچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللاردا بېسىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئەرەبچە كىتابلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق شۋېدچە كىتابلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

بىز ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە مەسئۇل خادىم ئابباس ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يىغىنلاردا كۆرگەزمە زالىدىكى ئۈستەلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈستەلگە قويۇلغان ماتېرىياللارنى مېھمانلارغا تارقىتىش ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابباس ئەپەندىم بۇ قېتىملىق يېغىنغا قاتنىشىشتىكى مەقسەت-نىشانلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىن ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرگىلى، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىگە سىڭىپ كىرىپ، شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى تەپسىلىي ئاڭلاتقاندا بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە شىۋېتسىيەدىكى باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلىشىش ھەمدە كەسپىي ھالدا تەشكىلات باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن 16-ئاپرىل كۈنى شۇ يەر ۋاقىتى 20:30 دا غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.