
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلغان «تۈرك دۇنياسى ۋە بىرلىك» ماۋزۇلۇق يىغىندا مەرھۇم سىياسىيون مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىغىن تۈركىيەدە تونۇلغان سىياسەتچى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قىرىم تاتارلىرىدىن زەفەر قاراتاي ئەپەندى مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ قىرىم دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئاڭلاتتى. پروفېسسور دوكتور ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى «مۇھسىن رەئىس ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئىراق تۈركمەنلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت تۈتۈنچۈ ئەپەندى مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ئىراقتىكى تۈركلەرگە قىلغان ياردەملىرى توغرىسىدا، ئەزەربەيجانلىق پروفېسسور دوكتور خالىلوۋا خانىم مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
مەزكۇر يىغىننى تۈركىيە مۇھسىن يازىجىئوغلۇ چۈشەنچە ۋە ئىستراتېگىيە ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، ئىدارە-جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە خەلق-ئاممىسىدىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى پروفېسسور دوكتور ئورخان قاۋۇنجۇ سۆزلىدى. ئۇ، دوكلاتىدا بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ھۆرمەتلىك رەئىسى، مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ قىممەتلىك ئايالى ۋە ئاكىسى، ياۋروپا تۈرك بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېرول يازىجىئوغلۇ ئەپەندى، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالپەرەن ئوچاقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، قىممەتلىك دوكلات بەرگۈچىلەر، ھەممىڭلار يىغىنىمىزغا خۇش كېلىپسىلەر. بۇ يىغىننى مەرھۇم رەئىسىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە داۋاملىق ئويلايدىغان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىگە ئاتىدۇق. رەھمەتلىك رەئىسىمىز مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن پارتىيەسىنىڭ ئىسمىنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى دەپ قويغان ئىدى. بۇ ئىتتىپاقلىقنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئوي-پىكىرلىرى بار ئىدى. بۈگۈنكى يىغىندا بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە رەھمەتلىك رەئىسىمىزنىڭ مەزلۇم بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز».
ئارقىدىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي ئەلچىسى بىلەن بولغان بىر ئىشنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئىلكەر ئەپەندىمۇ بار ئىدى. ئەپسۇسكى ھازىر تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىدىن باشقا بىر سىياسىي ھەرىكەت قالمىدى. بۇنى خىتاي بىلگەچكە، خىتاي ئەلچىسى پارتىيەمىزگە كېلىپ 5 سائەت ئولتۇردى. ئىشىمىز بار دېمىسەك تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇراتتى. ئىككىنچى قېتىم بىزنى تەكلىپ قىلدى. بىز بېرىشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، نېمىلەرنى دېيىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىپ باردۇق. مەن خىتاي ئەلچىسىگە مۇستەقىللىق تەلىپىمىزنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم. بۇ ھەقتە پارتىيەمىزنىڭمۇ قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. خىتاي ئەلچىسى ئۇنداق بولسا كۆكبايراقنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ دەپ سورىدى. مەن جاۋاب بېرىشكە تىرىشتىم، ئەمما ئەلچىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى».
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى رەھمەتلىك مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋاقتىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»نى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:« شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نېمە دەرد-ئەلەملەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. رەھمەتلىك مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەتتى. پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىلا ئەمەس قىرىم تاتارلىرى، ئىراق كەركۈك ۋە مۇسۇلدىكى تۈركمەنلەر، ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرىنىمۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەتتى. بىزمۇ ئۇنىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە داۋام قىلىمىز».
ئارقىدىن 4 ياش ۋاقتىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان، ھازىر 10 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇجاھىت قەشقەرلى تونۇلغان شائىر نىھات ئاسيالىنىڭ «دۇئا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى.
«تۈرك دۇنياسى ۋە بىرلىك» ماۋزۇلۇق يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ھىمايە قىلغۇچىسى، سىياسىيون ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ، بۇ خىل كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇنتۇماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەتىگەن سائەت 10دا يىغىن ئەھلى مەرھۇمنىڭ ئەنقەرەدىكى قەبرىسى بېشىدا دۇئا تىلاۋەت قىلىپ خاتىرىلىگەن بولۇپ،بۇ پائالىيەتكە ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى، 1954-يىلى تۈركىيەنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىنىڭ شارقىشلا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مۇھسىن يازىجىئوغلۇ 1987-يىلى «مىللەتچى چالىشما پارتىيەسى» دە پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 1993-يىلىدا بۇ پارتىيەدىن ئايرىلىپ «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى»نى قۇرغان.
1995-يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان مۇھسىن يازىجىئوغلۇ، 2006-يىلىدىكى سايلامدىمۇ ئىككىنچى قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋە 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەتكە سوئال خېتى سۇنۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا نېمە ئۈچۈن ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى سورىغان ئىدى. ئۇ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.